خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) «ھاياتىي كۈچكە تولغان شېنجېن، سېھىرلىك قەشقەر»-- 2016-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «شېنجېن-قەشقەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ساياھەت قىلىش سەپىرى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 17- ئۆكتەبىر قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. «شېنجېن-قەشقەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ساياھەت قىلىش ئەترىتى»دىكى 100 ساياھەتچى قەشقەردىكى مۇلازىمەت مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، قەشقەردىكى ساياھىتىنى باشلىۋەتتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، قەشقەر شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، شېنجېن شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە، كىنو گۇرۇھى يېڭى ئۇچۇر «قىزىق نۇقتا تېلېۋىزىيەسى»، شىنجاڭ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ساياھەت قىلىش ساياھەتچىلىك ئېچىش چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان، شېنجېن-گۇاڭجۇ قاتارلىق جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى قاتناشقان.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى