خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى 67 ياشلىق پېشقەدەم ھۈنەرۋەن مەمەت شادى قول ھۈنىرى بىلەن ياساپ چىققان ياغاچ ۋېلىسىپىتنى مىنىپ يولغا چىقىپ، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى قىزىقتۇردى، نۇرغۇن ياشلار ئالدىغا بېرىپ مىنىپ سىناپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ۋېلىسپىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.8 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر بولۇپ، 10دىن ئارتۇق مىخ ۋە ئۈچ ئوق قازاندىن باشقا، ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان. مەمەت شادى بوۋاي ياغاچچىلىق ھۈنىرى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 50 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ساپ ياغاچتىن ياسالغان ۋېلىسىپىتنى ياساش ئۈچۈن بوۋاي بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلغان. مەمەت شادى بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ۋېلىسىپىت تېخى تولۇق پۈتمىگەن بولۇپ، قول تورمۇز، قوڭغۇراق، بالون قاتارلىق تۆمۈردىن ياسىلىدىغان، ۋېلىسىپىتتە بار زاپچاسلارنىڭ ھەممىسىنى ئورنىتىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى