باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاگاھ بولۇڭ! تۆۋەندىكىدەك بۇ خىل دورىلارنى يېمەكلىك بىلەن بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولمايدۇ!

2016.10.24 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىمارلار دورا بىلەن داۋالانغاندا، ئىستېمال قىلغان دورىلار بىلەن يېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆزئارا رېئاكسىيەلىشىشىنىڭ، گەرچە كۆپىنچە ھاللاردا بەدەنگە ھېچقانداق تەسىرى بولمىغاندەك ياكى ئاساسىي جەھەتتىن تەسىرى بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىچكەن دورا بىلەن يېگەن يېمەكلىك ئارىسىدىكى بۇ خىل رېئاكسىيە بەك ئېغىر بولۇپ كەتكەن چاغدا، بەدەندە ناچار بولغان ئەكس تەسىر، ھەتتا زەھەرلىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ تۆۋەندىكىدەك دورىلارنى يېمەكلىك بىلەن بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا، دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

  

  كالتسىي بىلەن پالەكنى بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولمايدۇ!


  پالەك تەركىبىدە زور مىقداردا كالىي ئوكسالاتلار بولىدۇ، ئۇلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن پارچىلىنىپ، ئۇلاردىن ئوكسالات ئىيونلىرى پەيدا بولىدۇ، ھەمدە ئۇ ئوكسالات ئىيونلىرى بەدەندىكى كالتسىي ئىيونىنى چۆكتۈرۈۋېتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىي قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، يەنە تېخى ئاسانلا كالىي ئوكسالات تېشىنىمۇ ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، كالتسىي تابلېتكىسىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىككى سائەت ئىچىدە پالەك يېمەسلىكىڭىز كېرەك، ئەگەر يېمەكچى بولسىڭىز، پالەكنى ئالدى بىلەن پىشۇرۇپ ئاندىن يېيىشىڭىز كېرەك.

  

  ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش دورىسى بىلەن سۈتنى بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولمايدۇ!


  ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندا، سۈت ئىچسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى سۈت بولسا، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش دورىسىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماستىن، ئەكسىچە، سۈتنىڭ تەركىبىدىكى سۈت قەنتى يەنە تېخى ئاسانلا ئىچى سۈرۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

   قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى بىلەن قىزىل تۇرۇچنى بىللە قوشۇپ ئستېمال قىلسىڭىز بولمايدۇ!

  چۈنكى، قىزىل تۇرۇچ سۈيى ئىچىدىكى تۇرۇچ ماددىسىنىڭ تەركىبى جىگەردىكى مەلۇم بىر خىل فېرمېنت (CYP3A4)نىڭ ئىقتىدارىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل فېرمېنتقا كەلسەك، ئۇ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى بىلەن، بولۇپمۇ فىلوپدىپىڭ دېگەندەك Fluazifop تۈرىدىكى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇ ئاسانلا قاندىكى دورا قويۇقلۇقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ-دە، نەتىجىدە دورىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىپ، ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ قويۇپ، ئاسانلا تۆۋەن قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  

  بېربېرىن بىلەن چاينى بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولمايدۇ!


  چاي تەركىبىدە تاننىك بار بولۇپ، تاننىك بەدەندە ئوڭايلا تاننىك كىسلاتاسىغا پارچىلىنىدۇ، تاننىك كىسلاتاسى بېربېرىن تەركىبىدىكى ئالكالوئىدنى چۆكتۈرۈۋېتىپ، ئۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بېربېرىن ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىككى سائەت ئىچىدە چاي ئىچمەسلىكىڭىز كېرەك.

   ئاسپىرىن بىلەن ھاراقنى بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولمايدۇ!

  ھاراق ئادەم بەدىنىدە ئالدى بىلەن ئوكسىدلىنىپ ئاتسېتالدېھىدقا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئاندىن ئاتسېتىك كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ، ئەمما، ئاسپىرىن بولسا، ئاتسېتالدېھىدنىڭ ئوكسىدلىنىپ ئاتسېتىك كىسلاتاسىغا ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ-دە، نەتىجىدە، ئۇ، بەدەندىكى ئاتسېتالدېھىدلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، بەدەننىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىش ۋە پۈتۈن بەدەن ئاغرىپ كېتىش دېگەندەك كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، يەنە تېخى ئاسانلا جىگەر زەخىملىنىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئئانتىبىيوتىك دورا بىلەن سۈت ۋە مېۋە سۈيىنى بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولمايدۇ!

  ئانتىبىيوتىك دورىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىككى سائەت ئىچىدە سۈت ياكى مېۋە سۈيى ئىچمەسلىكىڭىز كېرەك، چۈنكى، سۈت ئۇ ئانتىبىئوتىك دورىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ-دە، دورا ئۆز ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرماي قالىدۇ؛ مېۋە سۈيىگە كەلسەك، (بولۇپمۇ يېڭى مېۋە سۈيى)، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول بولغان مېۋە كىسلاتاسى ئانتىبىيوتىك دورىنى تېزلا ئېرىتىۋېتىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماي، يەنە تېخى زەھەرلىك ئەكس تەسىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.

  

  برۇفېن بىلەن قەھۋە ۋە كوكا كولانى بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولمايدۇ!


  برۇفېن ئاشقازاننىڭ شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ، قەھۋە تەركىبىدىكى كوفېئىن بىلەن كولا تەركىبىدىكى كوكائىن بولسا، ئاشقازاننى غىدىقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، نەتىجىدە، ئۇلار برۇفېننىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە بولغان ئەكس تەسىرىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا ئاشقازان قاناش ۋە ئاشقازان تېشىلىپ كېتىش دېگەندەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئانافىلاكسىيەگە قارشى دورىلارنى پىشلاق ۋە گۆشتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولمايدۇ!

  ئانافىلاكسىيەگە قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش مەزگىلدە پىشلاق ۋە گۆشتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر دېگەندەك تەركىبىدە مول گىستىدىن بار يېمەكلىك بىلەن بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلماسلىقىڭىز كېرەك. گىستىدىن ئادەم بەدىنىدە گىستامىنغا ئايلىنىدۇ، ئانافىلاكسىيەگە قارشى دورىلار گىستامىنىڭ پارچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، گىستامىننىڭ يىغىلىپ قىلىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، سىقىلىش دېگەندەك بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  يەنە بىر ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك ئىش شۇكى، كۆپچىلىك توردىن ھەمىشە "مەلۇم يېمەكلىك بىلەن مەلۇم دورىنى بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ"، دېگەن ئۇچۇرلارنى كۆرىدۇ. ئەمما بۇ ئۇچۇرلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش تەس. دورا بىلەن يېمەكلىكنىڭ ئۆزئارا رېئاكسىيەلىشىشىنى بىلىدىغان ساھە ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر خىل سىستېمىلىق پەن، بۇ ھەقتىكى ئەڭ ئاددىي بولغان ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۇسۇلى بولسا، دورا چۈشەندۈرۈشىدىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت. ئەگەر دورا چۈشەندۈرۈشىدە ئۇچۇرى تولۇق بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇر ياكى دورىگەردىن مەسلىھەت سورىشىڭىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر