باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

382مەكتەپنىڭ 3-تۈركۈم قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى بېكىتىلدى

2015.08.10 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرۇس 3-تۈركۈم قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى بېكىتىلدى،بۇنىڭ ئىچىدە 382مەكتەپ 3-تۈركۈم قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدىن ئىگىلىشىچە، 43مەكتەپنىڭ 3-تۈركۈم قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى خەنزۇ تىل تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىدىن يۇقىرى بولغان. ئىجتئىمائىي پەندىن 21مەكتەپ، تەبىئي پەندىن 22 مەكتەپ بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 29نۇمۇر ئېشىپ كەتكەن.

  دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى شۇكى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئېلان قىلغان تولۇق كۇرۇس 3-تۈركۈم بىر تۇتاش قوبۇل قىلىدىغان تەڭداش ئارزۇدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى جەدىۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەبىئي پەندىكى مەكتەپلەر بويىچە نومۇر چېكى ئەڭ تۆۋەن بولغىنى نەنجىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئىنستىتۇتى مەبلەغ تەپتىش ئىنستىتۇتى بولۇپ، نومۇر چېكى 404نومۇر، ئىجتئىمائىي پەندىكى مەكتەپلەر بويىچە نومۇر چېكى ئەڭ تۆۋەن بولغىنى شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتى بولۇپ، نومۇر چېكى443نومۇر بولغان.

  شىنجاڭ ئىچىدىكى تولۇق كۇرۇس 3-تۈركۈم قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى بولسا، خەنزۇ تىل تولۇق كۇرس 3-تۈركۈم ئىجتئىمائىي پەن بويىچە تەڭداش ئارزۇدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتى (مەكتەپ باشقارمىسى)نىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى399نومۇر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتى (ئاقسۇ مەكتەپ رايونى) نىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى368نومۇر، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى397نومۇر، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۇك ئىزباسارلار ئىنستىتۇتىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى413نومۇر، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنستىتۇتىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى403نومۇر، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى383نومۇر بولغان.

  بۇ قېتىمقى تەبىئي پەن بويىچە تەڭداش ئارزۇدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتى ( مەكتەپ باشقارمىسى) نىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى366نومۇر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتى (ئاقسۇ مەكتەپ رايونى) نىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى350نومۇر، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى360نومۇر، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۇك ئىزباسارلار ئىنستىتۇتىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى374نومۇر، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنستىتۇتىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى368نومۇر، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى358نومۇر بولغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر