باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرىنىڭ قەدىمىي شەھەر رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ تەستىقلاندى

2015.08.10 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى يېقىندا قەشقەر شەھىرىنىڭ قەدىمىي شەھەر رايونىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دەپ تەستىقلىدى.

  قەشقەر شەھىرىنىڭ قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى- قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 3.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ رايوندا 22 مىڭ ئائىلە، 67 مىڭ نوپۇس ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭغا سىرتقى رايون بۆلىكىدىكى نوپۇسنى قوشقاندا 220 مىڭدىن ئاشىدۇ. مەنزىرە رايونى قەدىمىي شەھەر مەركىزىي رايونى، ھېيتگاھ جامىئەسى، ئىپارخان مەقبەرىسى، بۇلاق بېشى، ئەسكى ھېسار شەھىرى، يۇمىلاق شەھەر، قۇتادغۇبىلىك باغچىسى، كوزىچى يار بېشى، روسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى، ئەنگىلىيە-پاكىستاننىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى قاتارلىق 18 ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇلتۇردىن باشلاپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىشى، دۆلەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، شېنجېن مۇھاجىرلار شەھەرچىسى گوروھى، جوڭكۈن ساياھەتچىلىك گوروھىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە كوچا باشقارما، يېزا-بازار، شەھەرگە بىۋاستە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدا دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. قاتتىق-يۇمشاق دېتال مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، تارىخىي قىياپىتى، مىللى ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، مېمارىچىلىق سەنئىتى، گۇمانىتارلىق مەنزىرىسى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى گۇرۇپپا باشلىقى، شەھەر باشلىقى دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئېچىقلارغا مەسئۇل شەھەر رەھبەرلىرى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، شەھەرگە بىۋاستە قاراشلىق 31 ئورۇن ۋە كوچا باشقارما، يېزا-بازارلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ئەزا بولغان بەرپا قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدا دۆلەت A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش بويىچە مەسئۇلىيەت تەقسىماتى جەدۋىلى»نى تۈزۈپ تارقىتىپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە تاماملاش ۋاقتى ئېنىق بىكىتىلدى. بۇ يىل 2- ئاينىڭ 7- كۈنى، قەشقەر قەدىمي شەھەر مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى رەسمىي ۋېۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل قىلىندى. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئالدىن پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ئەترەتلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ A5 بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانى»، «شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ قۇرۇلۇش تەپسىلىي پىلانى»، «شىنجاڭ قەشقەر قەدەمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش سىستېما لايىھەسى» قاتارلىق يىرىك پىلانلارنى تۈزۈش، ئىلتىماس قىلىش خىزمەتلىرى تاماملاندى. بۇ يىل يەنە دۆلەتنىڭ A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلارنى بەرپا قىلىش ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇپ، «قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونى سەيلە-ساياھەت سىستېما لايىھەسى»نى تۈزۈش خىزمىتى تاماملاندى. 839 مىلىيۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا9722 ئائىلىلىكنىڭ ھويلا-ئاراملىرى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا مۇستەھكەملەپ ئۆزگەرتىلدى؛ 106 مىلىيۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇلاقبېشى مەنزىرە رايونى، قەدىمىي شەھەر سېپىلىنى مۇستەھكەملەش، ياشلار مەيدانى، قۇمدەرۋازىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى؛ 15 تارىخىي كوچىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ، يېڭىدىن تارقاقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئالتە مەدەنىيەت مەيدانى ياسالدى؛ ئۆستەڭبويى يولى، قۇمدەرۋازا يولى، نوربېشى يولى ۋە ئاتۇش كوچىسى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كوچىلارنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇش، يورۇقلاشتۇرۇش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلىشى تاماملاندى؛ سۇ تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى يەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتناشنى تەرتىپكە سېلىش، يول بەلگىلىرى ئورنىتىش، ئارام ئېلىش ئورۇنلرىنى چىقىرىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى يولغا قويۇلدى؛ 188 ئورۇنغا ساياھەت دەم ئېلىش ئورۇندۇقى ئورنىتىپ، ئاتۇش كوچىسى، كەتمەن بازىرى قاتارلىق 12 ئورۇنغا يېڭىدىن مەدەنىيەت ھەيكىلى ئورنىتىلدى. ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئەقلى-ئىقتىدارلىق كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاندى. 30 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ئۈچ دەرىجىلىك ساياھەت مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 12 نەپەر چۈشەندۈرگۈچى سەپلەندى. 3 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساياھەتكە يېتەكچىلىك قىلىش پۈتۈن كۆرۈنۈش خەرىتىسى، مەنزىرە تونۇشتۇرۇش، ساياھەت ئاساسىي نوقتىسى، ساياھەتچىلەر مەركىزى، مەسلىھەتچىلىك ئورنى، ھاجەتخانا، كىرىش-چىقىش ئېغىزى، شىپاھخانا، ماشىنا توختىتىش مەيدانى، ئەرز قىلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى بەلگە تاختىسىدىن 364 ى، تاشقى قاتناش بەلگىسىدىن 30 ى ياسالدى. 4 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت ھاجەتخانىسىدىن 23 نى پۈتتۈرۈپ، ساياھەتچى ۋە ئاھالىلەرگە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ساياھەت لىنىيەلىرىدە ئەخلەت تۈكۈش ئەسلىھەسى ئورنىتىلدى؛ 60 مىليون يۇەن مەبلەغ سېلىپ، ئىلگىرىكى چىدامسىز سىمۇنت تۇرۇبا PE تۇرۇببا(پولى ئېتىلېنلىق تۇرۇببا)غا ئۆزگەرتىلدى. يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانىدىن بىرسى ياسىلىپ، ئەسلىدىكى تۆت ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى كېڭەيتىلدى؛ 2 مىلىيۇن 340 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، مەنزىرە رايونى مەخسۇس لىنىيەسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىدىغان توكلۇق ئاپتۇموبىلدىن 31 ى، ۋېلىسىپىتتىن 60 ى سېتىۋېلىنىدى. ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن 1900 ئادەم تەربىيەلەندى. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى ساياھەت يېتەكچىلىرى مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇسابىقە ئورنىدا 88 نەپەر ساياھەت يېتەكچىسىنى تەربىيىلەپ، 40 نەپەر مۇنەۋۋەر ساياھەت يېتەكچىسى تاللاپ چىقىلدى؛ بۇ يىل 2-ئايدا ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە، مەنزىرە رايونىدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى مەخسۇس تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مەنزىرە رايونى چۈشەندۈرگۈچىسى، ساياھەت ئاممىۋى ھاجەتخانا خادىملىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى مۇلازىمەت خادىملىرى، يېڭىدىن تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتقان خادىملار مەخسۇس تەربىيىلەندى، بۇنىڭغا قاتناشقانلار 400 دىن ئاشتى. «قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايۇنىدا دۆلەتنىڭ A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش بىلىملىرى تەشۋىقات قوللانمىسى»دىن 50 مىڭنى بېسىپ، «مەن بىلەن قەدىمىي شەھەر رايۇنىنى ساياھەت قىلىڭ» ناملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسى ئىشلىنىپ، كەڭ ئاھالىلەرگە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىگەللىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ بەرپا قىلىشقا قاتنىشىش قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىلدى. ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى تور بېكىتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، نىمىسچە، ئۇيغۇرچە تۆت خىل تىلدا قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ تارىخى، مېھمانخانا، يېمەك-ئىچمەك، سودا مەركىزى قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈر تونۇشتۇرۇلدى، ساياھەتچىلەر تور ئارقىلىق مال زاكاز قىلىش ئەمەلگە ئاشتى. «قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ قىياپىتىنى قوغداش ۋە ساياھەت كەسپىگە بولغان يېتەكلەش يولغا قويۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا باھالاپ چىققان 50 مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھەت ئائىلىسى، مۇنەۋۋەر ئۆيلەر، غەيرىي ماددى مەدەنىيەت ۋارىسى، ئۆزگىچە ماللار دۇكىنى، ئۆزگىچە تاماقخانا قاتارلىقلارغا قارىتا تاختا ئېسىش، ئۆلچەم، باشقۇرۇش بىر تۇتاش بولۇش ئىشقا ئاشتى؛ مەنزىرە رايۇن مەركىزىدىكى ياغاچ، تۆمۈر بويۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، چالغۇ ساز ياساش، مىس بۇيۇملارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەدىمىي چايخانا، ئاسارە-ئەتىقە قاتارلىق كۆرگەزمە سارايلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىلتىماس ماتېرىياللىرى، مەنزىرە سۈپىتىنى باھالاش دوكلات قوللانمىسى ۋە ئىلتىماس قىلىش فىلىمىنى ئىشلەپ، ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىغا ئىلتىماس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ، دۆلەتنىڭ(GB/T17775-2003)ئۆلچىمى بويىچە، قاتناش، سەيلە-ساياھەت قاتارلىق سەككىز تۈر بەرپا قىلىش ئارخىپى تۈزۈپ چىقىلدى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، مەملىكەتتىكى كەچلىك گېزىتلەر جەمئىيىتى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكى 100 دىن ئارتۇق تاراتقۇلارنى قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»، «خەۋەرلەر دۇنياسى»، «خەۋەرلەرنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش» قاتارلىق پىروگىراممىلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تاراتقۇلىرىدا قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونى كەڭ تەشۋىق قىلىندى. مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلىرىنىڭ قەشقەرگە كىلىپ زىيارەت قىلغان ئادەم سانى 300 دىن، گېزىت-ژۇرناللار ئېلان قىلغان قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىغا ئائىت تەشۋىقات، خەۋەرلەر 100 پارچىدىن ئېشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايۇنىدا، شىنجاڭدىكى تۇنجى تارىخى، گۇمانتارلىق مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش ئۇقۇمىنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە تەدرىجىي چۈشەندى ۋە قوبۇل قىلدى. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى مەخسۇس فىلىمى ئىشلىنىپ، ئالاقىدار تاراتقۇلاردا تونۇشتۇرۇلدى؛ بۇ يىل 1- مايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى تونۇشتۇرۇش مەخسۇس يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنىڭ T2\T3 ئاۋىئاتسىيە بىناسىغا قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى تەشۋىقات تاختىسىدىن بەشنى ئېسىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايۇنىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. پۈتۈن شەھەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە تاكسىلارغا قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى «LOGO» سى چاپلاندى، ئېكراندا قەدىمىي شەھەر رايۇنىنىڭ بەرپا قىلىش تەشۋىقات شۇئارى تەكرار كۆرسىتىلدى؛ ئاممىۋى قاتناش بېكىتى ۋە ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدە قەدەمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ پاراۋانلىق تەشۋىقات ئېلانلىرى سىجىل تارقىتىلدى؛ «قەدىمىي شەھەر قەشقەر» ئۈندىدار سۇپىسىدا، قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تەشۋىقات مەزمۇنى ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتىگە ئائىت خەۋەرلەرنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 100 ساياھەت كوپىراتىپىدىكى 100 نەپەر ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ «قەدىمىي شەھەر رايونىنى ساياھەت قىلىش، يېڭى شەھەر رايۇنىنى كۆرۈش» تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مەنزىرە رايونىنى تەشۋىق قىلىشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. نەتىجىدە شەھەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىغا دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دەپ نام بەردى ھەمدە «دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى» تاختىسىنى تارقىتىپ بەردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر