باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

2015.04.07 15:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق‹‹ئۈچ ئەل››خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا (5)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  جاڭ چۈنشيەن يېقىندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىدە ئاممىنىڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەلرايى كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى مەسىلىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلار قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا پەيدا بولىدۇ. ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قائىدىلەرنى ئېنىق، توغرا چۈشەندۈرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش دەل ئىدىيەۋى مەسىلە بىلەن ئەمەلىي مەسىلىنىڭ ئۆزئارا زىچ باغلىنىشلىق بولۇشتەك تۈپ قائىدىگە ئۇيغۇن.

  ئاپتونوم رايون بۇلتۇردىن باشلاپ ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، خىزمەت گۇرۇپپىلىرى نىشانىنى توغرىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا ئۆز قېرىندىشىدەك مۇئامىلە قىلدى؛ كۆز ئالدىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئاۋۋال ئويلاپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ‹‹ئەلنى مايىل قىلىش››نى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش››، ‹‹ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش››نى تۈپ ئۇسۇل قىلىپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، ئېتىزلىقلارغا بېرىپ، ئامما بىلەن يۈزتۇرا، سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ئاساسىي قاتلامدا ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇڭا، 2 – تۈركۈمدىكى ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىدە، ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى 1 – نىشان قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇشى كېرەك. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كۆزلەش ۋە ئۇنى قوغداشنى چىقىش قىلغان ھالدا، ئىشنى ئاممىنىڭ ئەڭ جىددىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، ئامما ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تاماق، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، قاتناش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش قاتارلىق ئىشلارغا چېتىلىدىغان كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇرەككەپ، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت، قىسقا ۋاقىتتا ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ھازىرقى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلققە سەمىمىي نىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشى، ئاممىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشى كېرەك.

  تەدبىرلەرنى خەلق رايىغا تىرىشىپ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، خەلق رايىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ مۇۋاپىق، ئاممىغا تېخىمۇ پايدىلىق قىلىشى كېرەك. ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زور تەدبىرلەرنى بېكىتىشتە ئاممىنىڭ پىكرىنى قايتا – قايتا ئېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى، يىغىنلاردا ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى؛ ئومۇمىيلىققا ئىگە پىكىرلەرنى يىغىشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ئايرىم پىكىرلەرنىمۇ يىغىشقا ئەھمىيەت بېرىشى؛ ئىجابىي پىكىرلەرنى ئىگىلەپلا قالماي، سەلبىي پىكىرلەرنىمۇ ئىگىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاممىنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقى، نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەتراپلىق، ئېنىق بىلگىلى، ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى بايقاپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  شۇنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئىدىيەۋى تونۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۇسۇل، چارىلەرگە دىققەت قىلىپ، كىشىلەرنى قائىدە سۆزلەش ئارقىلىق قايىل قىلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جانلىق، كۆپ خىل ئۇسۇل، چارىلەرنى تېپىپ چىقىپ، خەلقنىڭ قۇلىقىغا ياقىدىغان، كاللىسىغا سىڭىدىغان، قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قائىدىلەرنى سۆزلەپ، ئىلمىي قائىدىلەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنىڭ ئىزچىل توغرا يۆنىلىشتە بولۇشىنى ساقلاپ، ئاممىنى قايىل قىلىش، ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەش رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ‹‹ھاكىمىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئەلرايىغا بويسۇنۇشقا باغلىق››. ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەل قىلىشنى ئىزچىل مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بىر يىلدا ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر