باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوستلار چەمبىرىكىدە ئۈندىدار سودىسى راستىنلا قىزىۋاتامدۇ؟

2015.04.08 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجۇ، 7-ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئۈندىدارنىڭ ئومۇملىشى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە، ئۈندىدار سودىسى يېقىنقى يىللاردىن تازا قىزىدى، ۋەھالەنكى كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىلغان يۇقىرى سوممىلىق پۈتۈشۈش مىقدارى، كۆپ پۈتۈشۈش خاتىرىسى يۇمشاق دېتال بىلەن ئىشلەنگەن ساختا ئەھۋال بولۇپ، دوستلار چەمبىرىكىدىكىلەرنى سېتىۋىلىشقا قىزىقتۇرۇش، ھەتتا ئالداش مەقسەت قىلىنغان.

  تورغا چىقىپ «ئۈندىدار دىئالوگى ھاسىل قىلغۇ»دېگەن خەتنى بېسىشىم بىلەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەچچە ئونمىڭ ئۇچۇر چىقتى. ئارىسىدىن بىر نەچچە يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈۋېلىپ، چۈشەندۈرۈشى بويىچە تېزلا دىئالوگ ھاسىل قىلدىم. يۇمشاق دېتال دىئالوگ قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ باش سۆرىتى، ئۈندىدار ئىسمىنى خالىغانچە چىقىرالايدىكەن، دىئالوگ مەزمۇنى، ئۈندىداردا مىمۇرىئال قىلىش، ئاۋاز خاتىرىلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىدىكەن، ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال بۇ مەزمۇنلارنى كېسىپ چۈشۈرۈپ بېرەلەيدىكەن. «چىقىمدان بىلەن مىمۇرىئال كەسمە سۈرىتىنى ھاسىل قىلغۇ» ئىككى تەرەپنىڭ چىقىمدان باش سۈرىتى، ئىسم- فامىلىسى، تۆلىگەن سوممىسى قاتارلىق مىمۇرىئال قىلىش ئۇچۇرىنى چىقىرالايدىكەن. بۇ يۇمشاق دېتاللارنى مەلۇم تور بېكەتلىرى نەچچە يۈز مىڭ قېتىم چۈشۈرۈۋالغان. كۆپىنچىسى ياخشى باھا ۋە پۈتۈشۈش سوممىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، كىشىلەر ياخشى مەھسۇلاتكەن دېگەن خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋىلىشقا جەلىپ قىلغان. بىر ئۈندىدار سودىگىرى: ھازىر ئۈندىدار سودىسى قېلىپلاشمىدى، بۇ ساھەدە بىر قەدەر قالايمىقان،دېدى.

  بايقىشىمچە، بۇنداق ئۇسۇل ئاخىرىدا شاخلىتىپ سېتىشقا ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن. بەزى ئۈندىدار سودىگەرلىرى مەھسۇلاتنى سېتىشقا ئەھمىيەت بەرمەي، قول ئاسىتىدىكىلەرنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. خاڭجۇدىكى بىر ئائىلە ئايالى مۇنداق دېدى: دوستلار چەمبىرىكىدە بىر دوستۇمنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى سودىسىنىڭ قىزىپ كېتىۋاتقانلىقى، ھەر كۈنى دېگۈدەك نەچچە مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىۋاتقانلىقى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ۋەكالەتچى بولۇش ئۈچۈن 5000

  يۈەنگە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن سېتىۋالدىم، بىراق ئورالمىسى قوپال، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىمۇ يېزىلمىغان مەھسۇلاتلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. دوستۇمدىن سۈرۈشتۈرسەم، سودىلىشىش خاتىرىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ھەم باشقىلارنى بۇنىڭغا سۆرەپ كىرىپ، سالغان دەسمايەسىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

  كەسپ ئەھلىلىرى: ئۈندىدار سودىسى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان سودا ئەندىزىسى، ئالاقە تورى شارائىتىدا زور ئىستىقبالى بار، بىراق ھازىرقىدەك قېلىپلاشمىغان ۋە نازارەت تەدبىرى بولمىغاچقا، قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇنى قېلىپلاشتۇرۇش تەكلىپ بېرىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر