باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹خۇاۋېي››نىڭ تەرەققىيات يولى

2015.03.20 16:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2011 – يىلىدىكى ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلىغا چىققان دۇنياۋى 500 كۈچلۈك كارخانا شەرەپ تاختىسىدا ‹‹خۇاۋېي›› 351 – ئورۇنغا تىزىلىپ، جۇڭگودىكى رەت تەرتىپى ئەڭ ئالدىنقى پۇقراۋى كارخانىغا ئايلاندى.

  ‹‹خۇاۋېي››نىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجرا قىلىش مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ‹‹خۇاۋېي››نىڭ قۇرغۇچىسى رېن جىڭفېي خاراكتېرى كۈچلۈك ئادەم. ئۇ خىزمەتچىلىرىگە: ئەگەر بىر پولك ئەسكەر تاغ چوققىسىنى ئىگىلىيەلمىسە، شۇ جايدىلا پولك باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىپ، روتا باشلىقىنى پولك باشلىقلىقىغا تەيىنلەش كېرەك، دېگەن. ئۇ خىزمەتچىلىرىگە ‹‹ئىجرا قىلىشتا چوقۇم ئىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا، نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك›› دېگەن تەلەپنى قويغان ھەمدە خىزمەتچىلەرگە باھا بېرىش ۋە خىزمەتچىلەرنى ئۆستۈرۈشتە ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىش نەتىجىسىنى ئاساس قىلغان. ناۋادا خىزمەتچىنىڭ ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولسا، مۇقەررەر شاللىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

  ‹‹خۇاۋېي›› ئاخىرقى %5نى شاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ‹‹خۇاۋېي›› بىر قىسىم تىرىشچان، لېكىن قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ياكى قابىلىيەتلىك، لېكىن ھۇرۇن ئادەملەرنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن. مۇشۇنداق ئاخىرقىسىنى شاللاش تۈزۈمىگە تايىنىپ، خىزمەتچىلىرىنى كۈچلۈك ئىجراچانلىققا ئىگە كوللېكتىپ قىلىپ تەشكىللىگەن. دەل مۇشۇنداق كوللېكتىپ ‹‹خۇاۋېي››نىڭ بۈگۈنكى ھەممىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلىرىنى ياراتقان.

  ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۈنۈم بىرىنچى. ئۈنۈم بولمىسا نەتىجە بولمايدۇ، ئۈنۈم بولمىسا كېلەچەك بولمايدۇ. ئۈنۈم تاپاۋەت بىلەن ئوڭ تاناسىپ، ئۈنۈم قانچە يۇقىرى بولسا، كىرىممۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ‹‹خۇاۋېي›› ئاخىرقىسىنى شاللاش تۈزۈمىگە تايىنىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا خىزمەتچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نۇرغۇن تېلېگراف ئالاقە ئەسۋابى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ئارىسىدىن ئۈزۈپ چىققان.

  ئەقلىي خۇلاسە: كارخانا ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كارخانا ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشى، قاتتىق شاللاش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشى كېرەك: خىزمەتچىلەر ئۈچۈن بىر يىللىق نەتىجە نىشانى بېكىتىپ، ئاندىن يىللىق نىشاننى ئايلىق نىشانغا پارچىلاپ، تەكشۈرۈپ باھالاپ، باھالاش نەتىجىسىنى خىزمەتچىلەرنى ئۆستۈرۈش، مۇكاپاتلاش ئاساسى قىلىشى كېرەك؛ خىزمەت نەتىجىسى ياخشى بولمىغان، خىزمەتكە سەل قارىغان ياكى كوللېكتىپنىڭ تۈر پىلانىغا تەسىر يەتكۈزگەن خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر