باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنتلەرگە چۈشكەن 2138 مۇنەۋۋەر كادىر ئۆستۈرۈلدى

2015.02.27 14:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپىگە ئاساسەن، 2014 – يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىدە كەنتلەرگە چۈشۈپ، ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان 141 كادىر ئۆستۈرۈلۈپ، مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ئورۇنغا قويۇلغان، ئاپتونوم رايون بويىچە كەنتلەرگە چۈشكەن ھەر دەرىجىدىكى 2138 كادىر ئۆستۈرۈلگەن.

  ھازىر 2014 – يىللىق ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىدە كەنتلەرگە چۈشۈش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى، 2 – تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشىدىغان كادىرلار يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدىكى 74 مىڭ كادىر كەنتلەرگە چۈشكەن بىر يىلدا، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەڭ ئالدىنقى سەپ، ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا خىزمەتلەرنى دادىللىق بىلەن ئىشلىگەن. كادىرلار كەنتلەرگە چۈشۈپ چېنىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئاممىۋى قارىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بىر يىل جەريانىدا، كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ئىچىدە بىر تۈركۈم ئىستىلى دۇرۇس، ئىقتىدارلىق مۇنەۋۋەر كادىرلار بارلىققا كەلگەن.

  كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپىگە ئاساسەن، ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىش، تەشكىل تاللاش، ئامما باھالاش ئارقىلىق، كەنتلەرگە چۈشكەن 1424 مۇنەۋۋەر كادىر بۇ يىل يانۋار ئۆستۈرۈلگەن. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار نامزاتلىققا كۆرسىتىش، كۆزىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلاردىن يەنە 714 كىشىنى ئۆستۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن 2014 – يىلى ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىدە، كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلاردىن جەمئىي 2138 مۇنەۋۋەر كادىر ئۆستۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر 1367 كىشى، باشقارما دەرىجىلىك كادىر 630 كىشى، نازىر دەرىجىلىك كادىر 141 كىشى. بەزى كادىرلار رەھبەرلىك ئورنىغا يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن، بەزىلىرى تېخىمۇ مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىغا يۆتكەپ قويۇلغان، يەنە بەزىلىرى ئاساسىي قاتلامدىن ئاپتونوم رايوندىكى نازارەت، ئىدارە ۋە ئورگانلارغا خىزمەتكە قويۇلغان.

  جاڭ چۈنشيەن تۇنجى تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشۈپ ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئادەم ئىشلىتىشتە، ‹‹ئۈچنى زىيان تارتقۇزماسلىق›› يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى. كادىرلارنى تاللاشتا ھەممە يەردىن بولۇش، ئىلغارلىرىنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، قابىلىيەتلىكلىرىنى تاللاش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىي نەتىجىگە ئېتىبار بېرىش، ئامما ئېتىراپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، كادىرلار ئۆلچەمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىن كادىرلارنى تاللاپ، ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش ئەمەلىيىتىدىن مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر