باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى ھالەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىللىق ئىككى يىغىننىڭ جەلپكار نۇقتىسى

2015.02.28 17:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرىتى ئۇدا تۆت يىل تۆۋەنلەپ، ئۆتكەن يىلى 24 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. 2015-يىلى ئىقتىسادنىڭ بىر قەدەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بېسىمىغا قارىتا قايسى خىل نىشاننى بېكىتىش شەكشۈبھىسىزكى پات ئارىدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ جەلپكار نۇقتىسى بولىدۇ. بۇمۇ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھالەتكە كىرگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئاچقان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن. ئىلگىرىكى كۆپلىگەن يىللاردىكى ئىقتىسادنىڭ ئاخىرقى ئەمەلىي ئېشىش سۈرىتى مۆلچەردىكى نىشاندىن يۇقىرى بولدى. ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %7.4 لىك ئېشىش سۈرىتى مۆلچەردىكى %7.5 لىك نىشاندىن تۆۋەن بولدى.

  ئېشىش سۈرىتى نىشانىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش جۇڭگو ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قىسمەن كىشىلەر ئېيتقاندەك ئاخىرقى زامان بولماستىن ، ئەكسىچە كىشىنى روھلاندۇرۇشنىڭ باشلىنىشى. چۈنكى بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە تىپىدە بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ زور بوشلۇق ئاتا قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا 2014-يىلى %7.5 لىك سۈرەتتىن تۆۋەن بولۇش يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ ئىش، شۇنداقلا قالتىس سۈرەت. زۇڭلى لى كېچياڭ بۇ يىل 1-ئايدا داۋۇستا ئېچىلغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادتا ھۆكۈمەت بىلەن بازاردىن ئىبارەت ئىككى قولدىن ياخشى پايدىلىنىپ،قوش ماتورنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  يېڭى ماتور ياساشنىڭ ئۆزى ئاۋام ئىگىلىك يارىتىش، بارلىق خەلق ئاممىسى يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش.لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا 1مىليارد 300 مىليون كىشى،900 مىليون ئەمگەك كۈچى، 70 مىليون كارخانا ۋە يەككە سودا سانائەتچى بار، خەلق ئەمگەكچان ۋە ئەقىللىق. ئاۋامنىڭ ئىگىلىك يارىتىشى، بارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىدا چەكسىز ئىجادىي تەپەككۇر ۋە چەكسىز بايلىق بار.

  ھازىر بۇ يېڭى ماتور شەكىللەنمەكتە. ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى جۇڭگودا يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا 3 مىليون 650 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %46 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەملىكەت بويىچە يەككە خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار 250 مىليونغا يەتكەن.

  يېڭى ماتورنى روياپقا چىقىرىش يولى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمەت فۇنكسىيىلىرىنى ئىخچاملاش ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى قاتارلىق بازار ئاساسىي گەۋدىسىگە تېخىمۇ كەڭ سەھنە ھازىرلىدى.

  ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىش ئەنئەنىۋى ماتورنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. جۇڭگو ئىقتىسادىدا يەنە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بار ئەلۋەتتە . ئالايلۇق نىشانى ئۇلۇغۋار بولغان بىر بەلۋاغ بىر يول، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بۇنىڭ تېپىك مىسالى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر