- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ 43-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2015.02.28 17:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ 43-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 27-فېۋرال چۈشتىن كىيىن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيدا ئۆتكۈزۈلدى،كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چاۋ شاۋياڭ بەرگەن گوۋۇيۈەنگە بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى قاتارلىق 33 سىناق نۇقتا ناھىيە ۋە مەمۇرىي رايوندا يولغا قويغان ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمە لايىھەلەرنى ۋاقتىنچە تەڭشەش توغرىسىدا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھە تەكلىپلەرگە ئاۋاز بېرىش نۇسىخسىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ماقۇللاندى.
يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ جىننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى نۇسىخىسى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى بىلەن تۈرۈكمەنىستان دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى قاتارلىق ئۈچ خەلقئارا شەرتنامىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، يۇقىرىقى لايىھەلەر ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-سانلىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش قارار قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر