باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تېمىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقان رەسساملار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

2014.10.24 23:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇنساگۈل ياسىن خەۋىرى: مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئومومىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى نىشان قىلىپ ، شىنجاڭدىكى دېھقان رەسساملار بايلىقىنى تولۇق قېزىپ ۋە پايدىلىنىپ، قويۇق رايون ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە دېھقانلار رەسىملىرى ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى روھى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۈگۈر ناھىيەسى يېقىندا دېھقان رەسساملارمۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە 11 يېزا-بازاردىن قوبۇل قىلىنغان 35 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلدى. ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى «مەكتەپتە ئوقۇماسلىق نادانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قانۇنسىز دىن ئۆگىنىش جىنايەتكە باشلايدۇ، زوراۋان تېررورچىلار ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدۇ، زامانىۋىي مىللىي كىيىم- كېچەك، مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە قاتارلىق ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەرەقققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىپ، مائارىپ، داۋالاش، قاتناش ، مەدەنىيەت، سۇ ئىنشائاتى، دېھقانچىلىق، خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى» قاتارلىق بىر قانچە موھىم تېمىلارنى ئاساس قىلغان نادىر ئەسەرلەر بولۇپ، 10پارچە مۇنەۋۋەر ئەسەر ئوبلاستقا يوللاندى ھەم بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى مۇكاپاتلاندى. بۇ كۆرگەزمە بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ چوڭ بازىرىدا، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمە قىلىندى ۋە ئامما بۇ ھەقتە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر