خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ مەلىكەم 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىق خاتىرە يىلى، شۇنداقلا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىيات كەسپى تەسسىس قىلىنغانلىقىنىڭمۇ 65 يىللىق خاتىرە يىلى. 65 يىلدىن بۇيان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى دۆلىتىمىز ئۈچۈن مۇشۇ ساھە قاتلاملىرىغا نۇرغۇن كەسپىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۇرۇپ بەردى، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى كۆپلىگەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى، قوش تىل ئوقۇتۇشى، پەن تەتقىقاتى، ئاخبارات-مەتبۇئات قاتارلىق ئورۇنلارغا تەقسىملەندى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە دۆلىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەڭ بۇرۇن قۇرغان كەسپىي پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2004-يىلى فاكۇلتېت بولۇپ قۇرۇلغان.
شۇ كۈنى 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان قاتارلىق ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئازاد سۇلتان ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇشى تەرەققىياتى ھەققىدە بىر قىسىم ئويلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۆۋەندىكىسى ئازاد سۇلتان، لېتىپ توختى ۋە مىنەۋەر مۇئەللىملەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سىن ماتېرىيالى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى