باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزى قۇرىدۇ

2014.10.27 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-ئۆكتەبىر ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى، لايىھەدە دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزى قۇرۇش ۋە تارماق ھالقىغان ئاخبارات ئۇچۇر ھەرىكىتى مېخانىزمى بەرپا قىلىش بەلگىلەندى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرىشى ۋەزىيىتى كەسكىن مۇرەككەپ ئىكەن، زوراۋانلىق تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىدە خەلقئارا ئامىلنىڭ تەسىرى كۈچىيىش، دېلو كۆپ پات-پات يۈز بېرىش، توردا ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق يېڭى ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ۋەزىيەت، ۋەزىپىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئەمەلىي جەڭ قىلىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاخباراتى، رازۋىتكا قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تەرەققىياتلار بولغان.

  كەسكىن مۇرەككەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ئالدىدا مەخسۇس تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى تۈزۈشكە، ئېلىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىدە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت مېخانىزم مەسئۇلىيىتى ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، ئاخبارات ئۇچۇرلىرى، جىددى تاقابىل تۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەرگە قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت، ئەمەلىي گەۋدە بىلەن تەرتىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخسۇس قانۇن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر