باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق جۇڭگو نېڭشىيا خەلقئارا كالا قوي گۈشى مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى يېپىلدى.

2014.10.27 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-ئۆكتەبىر 2014-يىللىق جۇڭگو نېڭشىيا خەلقئارا كالا قوي گۈشى مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى يېنچۇەندە يېپىلدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، نېڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈگەن، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېللاندىيە، مىكسىكا قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ كالا قوي گۈشى كەسپىي بىرلەشمىلىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  نىڭشىيا مول ئالاھىدە ئېكولوگىيە بايلىقى ۋە ئوتلاق بايلىقىغا ئىگە، مەملىكەت ئىچىدىكى كالا قوي گۈشىنى ئاساسلىق چىقىرىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى. 2014-يىلى 6-ئايدا دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى نىڭشىيانىڭ يىنچۇەن ئۇنىۋېرسال قوغداش رايونىغا تايىنىپ، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش تۈرىدىكى بەلگىلەنگەن ئېغىز قۇرۇشقا قوشۇلدى، 9-ئايدا دۆلەتلىك ئىسپات بېرىش ئېتىراپ قىلىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى نىڭشىيادا مەملىكەت ئىچىدىكى تۇنجى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر خەلقئارا سودا ئىسپات بېرىش مەركىزى قۇرۇشنى تەستىقلاپ، نىڭشىيادا خەلقئارا مۇسۇلمانچە قوي كالا گۈشى يېغىش تارقىتىش مەركىزى قۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر