باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى ئادىمىگەرچىلىك، مۇناسىۋەت، پۇلغا مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا يۇقىرى بېسىم بەردى

2014.10.27 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئەدلىيەنى يەرلىكلەشتۈرۈش، مەمۇرلاشتۇرۇشنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن دېلولالارنى قاراپ چىقىشقا رەھبىرىي كادىرلار ئارىلاشتى. «ھوقۇق قانۇندىن ئۈستۈن تۇرۇش» يوشۇرۇن قائىدىگە ئايلىنىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننىڭ نوپۇزى، ئەدىلىيەنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىلىكلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە تەۋرىتىپ قويدى. 4-ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قانۇن ئىلمى ساھەسىدىكى بىر قانچە مۇتەخەسس بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەدىلىيە ئادىللىقى ئاخىرىدا تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەدىلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ھوقۇقىنى مۇستەقىل ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى ھەمدە ئەدىلىيەدە ئوچۇق ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاممىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مۇناسىۋەت دېلوسى، ئادىمگەرچىلىك دېلوسى، پۇل دېلوسىغا يۇقىرى بېسىم بەرگىلى، ئەدلىيەدە چىرىكلىشىشكە ھىچقانداق يوچۇق قالدۇرمىغىلى بولىدۇ.

  دۆلەتلىك مەمۇرىي ئىنىستىتۇت قانۇن ئىلمى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ جيەنمياۋ مۇنداق دېدى: ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقنى مۇستەقىل ئاشكارا ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تەدبىرلەر پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە ۋە نىشانلارنى تۈزۈم جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 3-ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئەدلىيەنى تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارا قىلىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گۇ شېڭزۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 4-ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا سوتلاش مەركەز قىلىنغان ھەق تەلەپ تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو بېجىرىش سۈپىتىگە باشتىن ئاخىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە خاتا بېجىرىلگەن دېلولارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ئاشكارا دېلو بېجىرىشىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىدۇ، خاتا، ئۇۋال قىلىنغان دېلولالارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرستېتى قانۇن ئىلمىي ئىنىستىتۇتى شىكايەت تۈزۈمى ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىى چېن ۋېڭدۇڭ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: 4-ئومۇمىي يىغىندا سوتلاش ھوقۇقى ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىنىقىنى ئوخشاش بولمىغان تارماقلار ھوقۇقنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىجرا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن سوتلاش ۋە ئىجرا قىلىشنى ئايرىۋېتىش تېخىمۇ ئۈزۈل كېسىل بولىدۇ، بۇ ئەدىلىيەنىڭ ئادىللىقىغا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر