باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوتئارال كەنتى 2014-يىللىق «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئون كەنت» شەرىپىگە ئېرىشتى

2014.10.27 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىللىق «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئون كەنت»نى باھالاش نەتىجىسى ئاياقلاشتى، باغراش نەھىيەسىنىڭ ئوتئارال كەنتى 2 مىڭدىن ئارتۇق «چولپان كەنت»ئىچىدىن ئۇتۇپ چىقىپ، 2014-يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئون كەنت» شەرىپىگە ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى بۇ خىل شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى كەنت بولۇپ قالدى.

  مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئوتئارال كەنتى «تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك گۈزەللىك»ى بىلەن نامايان بولدى. ئوتئارال مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى ــ باغراش كۆلى بويلىرىدا بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە ، دۆلەت بەش ئا دەرىجىلىك ساياھەت رايونى باغراش كۆلىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، كەنتنىڭ مەنزىرە رايونىدا بولۇش، مەنزىرە رايونىنىڭ كەنتتە بولۇش، مەنزىرە رايونى ۋە كەنت، مەنزىرە رايونى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدەك يېڭى يولنى ئىشقا ئاشۇرغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر