- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىقتىسادى تەپتىش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ
2014.10.27 16:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا گوۋۇيۈەن «ئىقتىسادى تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، ئىقتىسادى تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ھەل قىلغۇچ سىياسەت تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادى تەرتىپنى ھەقىقىي قوغداش ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.
«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىقتىسادى تەپتىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، ئاممىۋىي مەبلەغ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت بايلىقىنى باشقۇرۇش، تەقسىملەش، ئىشلىتىشكە چېتىلىدىغان تارماقلار، ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئىقتىسادى تەپتىشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى لازىم، بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ. ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ئىقتىسادى تەپتىش ئېھتىياجلىق بولغان مالىيە بوغالتىرلىقى، كەسىپ ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، ئومۇميۈزلۈك تەمىنلىشى كېرەك؛ ئىقتىسادى تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆز ئىدارىسى، سىستېمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئالاقىدار ئېلېكتىرونلۇق سانلىق ئۇچۇرلار ۋە زۆرۈر بولغان تېخنىكا ئارخىپلىرىنى قانۇن بويىچە ئىقتىسادى تەپتىش ئورگانلىرىنى تەمىنلىشى كېرەك. ئىقتىسادى تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ياردەم بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ئۇلارغا پائال ياردەم بېرىشى ۋە مەدەت بېرىشى لازىم.
«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادى تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادى تەپتىشنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلەت ئىقتىسادى تەپتىش سانلىق مەلۇمات بېرىش سىستېمىسى قۇرۇپ، ئىقتىسادى تەپتىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادى تەپتىش خىزمىتىنىڭ كاپالەت كۈچىنى زورايتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى زۆرۈر كۈچ ۋە راسخوتقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر