باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن-تېخنىكا سىياستى بىلەن ئىقتىسادى سىياسەت، كەسىپ سىياسىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ

2014.10.27 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەن-تېخنىكا مىنستىرلىقى سىياسەت قانۇن بەلگىلىمە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن شىن 26-ئۆكتەبىر 2014-يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىدا مۇنداق دېدى: كېلەر قەدەمدىكى سىياسەت تۈزۈش يىغىنىدا پەن-تېخنىكا سىياستى بىلەن ئىقتىسادى سىياسەت، كەسىپ سىياسىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇش تەتقىقات ھەمكارلاشقان پايدىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش داۋامىدىكى خادىملار مۇكاپاتلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك ھوقۇق بازارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

  لىن شىن مۇنداق دېدى: گەرچە مەملىكەت ئىچىدىكى كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەدرىجىي بارغانسېرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي پەن-تېخنىكا كۈچى يەنىلا بىرقەدەر ئاجىز، نۇرغۇن تېخنىكىنى پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەمىنلىشىگە مۇھتاج. ئوخشىمىغان يېڭىلىق يارىتىش سوبىكىتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكىنى يۆتكەشكە قارىتا، دۆلەت باج كىرىمىدە ئېتىبار بېرىش يەنى تېجارەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، تاپاۋات بېجىنى ئازايتىش قاتارلىق سىياسەتلەر بىلەن قوللايدۇ.

  پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرشىقا ئايلاندۇرۇش ھاياتى كۈچىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىش ئۈچۈن، ئېلىمىز جۇڭگۇەنسۈن قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىدا پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ۋە تاپاۋەت ھوقۇقى ئىسلاھات سىنىقىنى باشلايدۇ. ئىلگىرى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ئاساسلىق تارماق ياكى مالىيە تارماقلىرىنىڭ تەستىقلاپ، پايدىنى مالىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە توغرا كېلەتتى، سىناقتا مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ۋە تاپاۋەت ھوقۇقىنى ئالى مەكتەپ ۋە پەن-تەتقىقات ئورگانلىرىغا بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر