باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئارمان» ماركىسى جۇڭگونىڭ مەشھۇر ماركىسى شەرىپىگە ئېرىشتى

2014.10.24 11:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بايراقدارى شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى باھالاپ بېكىتكەن «جۇڭگونىڭ مەشھۇر ماركىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى17 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان «ئارمان» سانائەت باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن «ئارمان» گۇرۇھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن كارخانا بولۇپ قالدى.

  شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى رادىل ئابلا مۇنداق دېدى: بىز «ئارمان» يۈرۈشلۈك قۇۋۋەت تالقانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان 20 يىل جەريانىدا شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، قۇۋۋەت رېتسېپى تەتقىقاتى، ماركا ئوبرازى يارىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق، «ئارمان» ماركىسىدا ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىمىز كۆپ قېتىم مەملىكەت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەقدىرلىشىگە، ھەر مىللەت ئىستېمالچىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسى، ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن، تاۋار ماركىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، «ئارمان» ماركىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلىنىشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر