باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بامبۇكزارلىق بازا كۆلىمى 12 مىڭ مودىن ئاشتى

2014.09.18 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان، ئەركىن ساۋۇتلار خەۋىرى: ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بامبۇكزارلىقىدا ئەمدىلا بىر يېرىم يىللىق بولغان بامبۇك دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى 6 مېتىرغا يەتكەن، بۇ يىل 4-ئايدا يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەت ئېگىزلىكىمۇ 2 مېتىردىن ئاشقان، سېنتەبىر ئايلىرىدا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جاي-جايلىرىدا ئاز بولغاندا نەچچە يۈز مو، كۆپ بولغاندا بىر قانچە كىلومېتىرغا سۇزۇلغان قويۇق بامبۇكزارلىقنى كۆرىسىز، نۆۋەتتە بۇ ناھىيەنىڭ بامبۇكزارلىق ئومۇمىي كۆلىمى 12 مىڭ مودىن ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئونسۇ ناھىيەسى ئىككى يىل ئىلگىرى10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكىنىڭ تېز ئۆسەر بامبۇك سورتىنى كىرگۈزگەن ھەمدە شۇ يىلى مىڭ موغا سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، 2014-يىلى كۆلىمىنى 12 مىڭ موغا كېڭەيتكەن. نۆۋەتتە، بامبۇك مايسىسى 72 مىليون تۈپكە يەتكەن. بامبۇك تېرەك-سۆگەت ئائىلىسىگە تەۋە قۇرغاقچىلىققا، سوغوققا، شورغا چىداملىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، قۇرغاق، شورلۇق يەرلەردە كېڭەيتىپ تېرىشقا ئالاھىدە ماس كېلدىكەن، ماتېرىياللىق قىسىمىنى دەرەخنىڭ تۈۋىدىن كېسىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق كۆكلەپ ئۆسۈدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ «يېشىل بانكا» دەپ نامى بار ئىكەن. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دەرەخنىڭ تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى بۇلۇپ، قەغەز ياساش، كۆكەرتىش، مەنزىرە شەكىللەندۈرۈش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىقلاردا رولى چوڭكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر