خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسى ئۆكتەبىر بايرىمىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن 15-سېنتەبىردىن باشلاپ ناھىيە بازىرىدىكى ئىدارە – ئۇرۇن، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئالدى ، تاشيول بويلىرى، سودا–ساراي، تىجارەت ئورۇنلىرى قاتارلىق سورۇنلارغا دۆلەت بايرىقى ئېسىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېپ-يېڭى روھىي قىياپەت ۋە تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئىلاھاملاندۇردى.
سۈرەتتە: كۇچا ناھىيەسىنىڭ 17-سېنتەبىردىكى دۆلەت بايرىمىغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىدىن كۈرۈنىشلەر.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى