باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ باھارى كەلدى

2014.09.19 03:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدىكى تەنتەربىيە تارماقلىرى يېقىندا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولى ئىسلاھاتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات سىناق رايونى بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن مەكتەپ ئىچى پۇتبولى بەرپا قىلىش، دۆلەت دەرىجىلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مەشق بازىسى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىنتايىن ياخشى بەدەن ساپاسى ۋە پۇتبول تالانتىغا ئىگە، تەربىيەلەشنى كۈچەيتكەندە جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئىلغار پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەربىيەلىنىپ چىقىشىدىن ئۈمىد زور.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق شىنجاڭدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرى ئەڭ چوڭ ئوكسېگىن سۈمۈرۈش مىقتارى، ئوكسېگىنسىزلىنىش ئىقتىدارى، گېموگلوبېن ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق ئېرسىيەت ساپا كۆرسەتكۈچلىرىدە ياۋروپا-ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى تەڭ ياشلىقلارنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىدۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرسەتكۈچ سەۋىيەسى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق، پۇتبول ھەرىكىتىگە نىسبەتەن تۇغما ئەۋزەللىكى بار، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغاندا، جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئىلغار پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىشتىن ئۈمىد زور.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر