21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتايلى
17-سېنتەبىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىرىلانكا زۇڭتۇڭى راجاپاكسانىڭ ھەمراھلىقىدا، جۇڭگو بىلەن سىرىلانكىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق تۈرى ـــ جەنۇبىي كولومبو پورتىنىڭ يۈك ساندۇق پىرىستانىنى كۆزدىن كەچۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈي پېڭ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر كولومبودىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-چېسلا سىرىلانكا زۇڭتۇڭى راجاپاكسانىڭ ھەمراھلىقىدا، جۇڭگو بىلەن سىرىلانكىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق تۈرى ـــ جەنۇبىي كولومبو پورتىنىڭ يۈك ساندۇق پىرىستانىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم پورت شەھەرچىسىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ پورتقا يېتىپ بارغاندا، زۇڭتۇڭ راجاپاكسا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقى پورت سارىيىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ، پورت قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى مەسئۇل خادىمىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
دۇ شاڭزې، يۈ جىڭخاۋ خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى