باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ: ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭى تىپتىكى شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2014.09.19 02:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-سېنتەبىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «ئۈچ خىل يۈز مىليون ئادەم» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش لازىم. پەرقلىقلەشتۈرۈلگەن نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇش؛ يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى دېھقانچىلىقتىن يۆتكەلگەن نوپۇسنىڭ شەھەرلىشىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش؛ شەھەرگە كىرگەن دېھقانلارنى شەھەر-بازار ئولتۇراق ئۆي ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا ئكىرگۈزۈش، دېھقانچىلىقتىن يۆتكەلگەن يۈز مىليون نوپۇسنىڭ شەھەر-بازاردا نوپۇسقا ئېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنى يېزا بىلەن شەھەر-بازار ئوتتۇرىسىدا قالدۇرۇپ قويماسلىق؛ ئوتتۇرا-غەربىي قىسىمدىكى ئوتتۇرا-كىچىك شەھەر ۋە ناھىيەلەرنى چوڭايتىپ ھەم كۈچلەندۈرۈپ، نوپۇس ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تەخمىنەن يۈز مىليون ئادەمنىڭ ئوتتۇرا-غەربىي قىسىمدا ئۆز يېنىدا شەھەر-بازارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور كۆلەمدىكى نوپۇسنىڭ «پەسىل قۇشى» شەكلىدە كۆچۈشىنى تەدرىجىي ئازايتىش لازىم.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر