ئامېرىكا پارلامېنتى 16-سېنتەبىر غەربىي ئافرىقىدا يامرىغان ئېبولا ۋىرۇسى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى . ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ ئەمەلدارى ئاگاھلاندۇرۇپ : يۇقۇم ئەھۋالى دەرھال تېزدىن كونترول قىلىنمىسا ، نەچچە يىلغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ، دېدى . ئامېرىكىلىق دوختۇر كېنتمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : غەربىي ئافرىقىدا يامرىغان ئېېولا ۋىرۇسى يۇقۇم ئەھۋالى خەلقئارانىڭ زور ياردىمىگە مۇھتاج . كېنت غەربىي ئافرىقىغا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ، ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ داۋالىنىپ ، ئالدىنقى ئايدا دوختۇرخانىدىن چىققان . (شىنخۇا تورى مۇخبىرى باۋ دەندەن فوتوسى )