ھىندىستان ياشلىرى گۇجرات ئوبلاستىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى ئويناپ، شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جەنچېڭ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر ئەخمەتئابادتىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-سېنتەبىر گۇجرات ئوبلاستىنىڭ ئەخمەتئاباد شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ھىندىستانغا بولغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 2:50 لەر ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئەخمەتئاباد ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. ھىندىستان گۇجرات ئوبلاستىنىڭ باشلىقى كېلى، باش مىنىستىر پاتېل، ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كانت قاتارلىقلار شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەننى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى