باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر تېبابىتى: يىپەك يولىدىكى مىللەت گۆھىرى

2014.09.19 01:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەھەيۋەت تەڭرىتاغ، سىرلىق غەربىي يۇرت گۈللىنىپ روناق تېپىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاپرىدە قىلدى، شۇنداقلا قەدىمىي ھەم سىرلىق ئۇيغۇر تېبابىتىنى دۇنياغا كەلتۈردى. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتى يىپەك يولىدىن ئايرىلغان ئەمەس، يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ تېبابەت مەدەنىيىتى شىنجاڭدا ئۆزئارا سىڭىشىپ ۋە ئالماشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يىپەك يولى غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، پېرىسيە، غەربنىڭ سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى، غەربىي يۇرت دورا ماتېرىياللىرى سودىسى كۆپەيدى. تارىختا ئۇيغۇر تېبابىتى يىپەك يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە چەتئەللەرگە توختىماي تارقىلىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن سىرتنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى. يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلى دەل ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىل ئىدى.

  ئۇيغۇر تېبابىتى ۋەتىنىمىز تېببىي-دورىگەرلىكىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى ھەم ئىسلام تېبابىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى كېسەللىكتىن ساقلىنىش ھەم كېسەل داۋالاش جەريانىدا ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مىنېراللارنى قوللىنىپ كېسەللىكتىن ساقلىنىش ۋە كېسەل داۋالاشتىكى مول ئەمەلىي تەجرىبە ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى جۇغلىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان دورىگەرلىك ئىلمىنى تەدرىجىي بارلىققا كەلتۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر