- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ئاياغلاشتى
2014.09.19 01:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: 17 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق 8 –نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى بارلىق تۈرلەردىكى مۇسابىقىلىرىنى تاماملاپ غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم ئاممىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن مۇسابىقىسىدە ھەرمىللەت تەنھەرىكەتچىلىرى رىقابەت مەيدانىدا مۇسابىقىلەشتى، ئۆز ئارا ئۆگەندى، ئۆز ئارا ماھارەت ئالماشتۇردى. ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ئاشتى، سەۋىيەسى نامايەن قىلىندى، ئورتاق ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىدە، تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپىلەر يېزىلدى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپلا قالماستىن، 2015– يىلىدىكى 10– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇسابىقە تۈرلىرىدىن 14، ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىدىن يەتتىسى تەسىس قىلىنغان. تۆت تۈردىكى كوللېكتىپ مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ مىللىيچە چېلىشىش تۈرىدە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم– ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ ئالدىنقى 3–لىككە؛ بەيگە تۈرىدە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى 3–لىككە؛ ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش تۈرىدە قۇمۇل ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى 3–لىككە؛ ئوقيا ئېتىش تۈرىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى 3–لىككە ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرى ئالدىقى نۆۋەتلىك يىغىنغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن بولۇپ، ئات تەنھەرىكىتى تۈرلىرىدە 2 مىڭ مېترلىق بەيگىدە ئالدىنقى 3–لىكىكە ئېرىشكەنلەرنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەننىڭ نەتىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەن؛ ئەرلەرنىڭ ياغاچ پۇتتا 100 مېترغا تېز سۈرئەتتە يۈگىرەش تۈرىدە ئالدىنقى سەككىزنىڭ ئىچىگە كىرگىنى ۋە ئاياللارنىڭ 100 مېترغا ياغاچ پۇتتا تېز سۈرئەتتە يۈگۈرەش تۈرىنىڭ ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگىنىنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيوننىڭ نەتىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئوقيا ئېتىش ۋە قونداقلىق ئوقيا ئېتىش تۈرلىرىدە كوللېكتىپ ۋە يەككە تۈرلەر نەتىجىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقە نەتىجىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر