مودى شى جىنپىڭ چۈشكەن مېھمانساراي ئالدىدا ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلىي فوتوسىشى جىنپىڭ گەندىنىڭ قەدىمىي تۇرالغۇسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، گەندى ئەينى يىللاردا ئىشلەتكەن يىپ ئىگىرىش چاقىنى ئۆز قولى بىلەن ئايلاندۇردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جەنچېڭ فوتوسىشى جىنپىڭ مودى بىلەن بىرگە ساھىل باغچىسى تەرەققىيات تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر ئەخمەتئابادتىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-سېنتەبىر ھىندىستاننىڭ گۇجرات ئوبلاستىدا زىيارەتتە بولدى. ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇنىڭغا باشتىن-ئاياغ ھەمراھ بولدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قىزغىن ئۇچرىشىپ، گەندىنىڭ قەدىمىي تۇرالغۇسىنى ۋە ساھىل باغچىسى تەرەققىيات تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.دۇ شاڭزې، لۈ پېڭفېي خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى