خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر كولومبودىن بەرگەن خەۋىرى: 17-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سىرىلانكا زۇڭتۇڭىنىڭ خانىمى سىراندېي بىلەن بىرلىكتە «مۇھەببەتنىڭ جاۋابى ــــ جۇڭگو-سىرىلانكا دوستانە يورۇقلۇق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە قاتناشتى. پېڭ لىيۈەن سىرىلانكا زۇڭتۇڭىنىڭ شەخسىي تۇرالغۇسىغا يېتىپ بارغاندا، سىراندېي قىزىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقىنىڭ رەپىقىسى بىرلىكتە «مۇھەببەتنىڭ جاۋابى ــــ جۇڭگو-سىرىلانكا دوستانە يورۇقلۇق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ كۆزگەزمە تاختىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، سىرىلانكا خەلقئارا كۆز ئامبىرى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.
دۇ شاڭزې، ياڭ ئوۋ خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى