باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 40 خىل تۈرى غەربنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىلھاملاندۇرۇش تۈرىدىكى كەسىپ مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى

2014.09.17 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقىشىچە، دۆلەت ئەمدىلا ئېلان قىلغان «غەربى رايوننىڭ ئىلھاملاندۇرۇش تۈرىدىكى كەسىپ مۇندەرىجىسى» دە شىنجاڭنىڭ 40 خىل تۈرى غەربىي رايوننىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىلھاملاندۇرۇش تۈرىدىكى كەسىپ مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن، سان جەھەتتە غەربىي رايوندىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەردە بىرىنچى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، پاختا، ئۈزۈم تېرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، مىللىي سەنئەت كىيىم كېچەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تۈرى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تۈرى بولۇپ، شەرتكە توشىدىغان كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى نىسبىتى %15 ى بويىچە تاپشۇرىلىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 40 تۈرلۈك ئىلھاملاندۇرۇش تۈرىدىكى كەسىپى يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، خىمىيىلىك سانائەت، ماشىنىسازلىق ياسىمىچىلىق، تور، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك. ياسىمچىلىقتا بىر دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى بىۋاستە گەۋدىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ مۇندەرىجىدە ياسىمچىلىقنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر زور بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۈرى ئىچىدە %30 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ قېتىم دۆلەت تۈزۈپ چىققان غەربىي قىسىمدىكى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىلھاملاندۇرۇش تۈرىدىكى كەسىپ مۇندەرىجىسىدە، ئاساسلىقى شامال ئېلىكتىرى، ياسىمچىلىق، مۇلازىمەت تىپىدىكى كارخانىلارنى راۋاجلاندۇرۇش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پايدىلىق، كەلگۈسىدە غەربىي رايوننىڭ كەسىپ ئورنىنى بەلگىلەش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىمۇ ئىلگىرىكى ئېنېرگىيە ۋە بايلىق بازىسىدىن ئېنېرگىيە ۋە ياسىمىچىلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، «غەربىي رايوننىڭ ئىلھاملاندۇرۇش تۈرىدىكى كەسىپ مۇندەرىجىسى» 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىندىكەن، بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى كەسىپ مۇندەرىجىسىدىكى ئىلھاملاندۇرۇش تۈرىدىكى كەسىپ ۋە غەربىي رايوننىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىلھاملاندۇرۇش تۈرىدىكى كەسىپ دەپ ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھازىر يولغا قويىلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن باج نىسبىتى %25 بولۇپ، دۆلەتنىڭ مالىيە بېجى سىياسىتى بويىچە، مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن كەسىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى قىسقارتىلىپ، %15 باج نىسبىتى بويىچە تاپشۇرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر