باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2014–يىللىق يېڭى يىل بايرىمى، چاغان مەزگىلىدە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2013.12.31 13:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 30 – دېكابىر 2014 – يىللىق يېڭى يىل بايرىمى، چاغان مەزگىلىدە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  2014 – يىللىق يېڭى يىل بايرىمى، چاغان مەزگىلىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بايرامنى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، تېجەشلىك بولۇپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، بايرام، چاغان مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

  بىرىنچى، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

  ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام 1 – سېپىگە، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار رايون، قىيىنچىلىقى بار ئائىلە، ئامما ئارىسىغا ئاڭلىق ھالدا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەھۋال ئىگىلەپ ھال سوراش، مەخسۇس پاناھلاندۇرۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ دەردىگە يېتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى››دىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇشنى كاپالەت ئۆلچىمى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن باغلاش بىرلەشمە مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى، شەھەر، يېزىلاردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاھالىلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى، كەسپىي سۇغۇرتا پۇلىنىڭ ۋاقتىدا يېتەرلىك چىقىم قىلىنىشىغا، شەھەر – بازارلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرى، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر، شەھەرلەردىكى ئىگە – چاقىسىز قېرى – چۈرىلەر، يېتىم – يېسىرلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى پاناھلاندۇرۇش مەبلىغىنى ۋاقتىدا، يېتەرلىك تارقىتىشقا، نەپىقە ياردەم پۇلىنى نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىغا تېز، دەل جايىدا تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى چىقىم قىلىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئىش ھەققىنى تولۇق، ۋاقتىدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سوغۇقتىن، توڭلاپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، چەت، يىراق، ئېگىز، سوغۇق رايونلاردىكى ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مال، چارۋىنىڭ قىشتىن ئۆتۈشى، يەم – خەشەك، ئوت – چۆپنى زاپاسلاش ۋە تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش؛ پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوغداش، ئاسراشنى كۈچەيتىش، تىرانسپورتنىڭ راۋانلىقىغا، قاتناشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ۋە بىخەتەر يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى، پۇلىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە، مېيىپ بار ئائىلە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىستۇدېنتلار بار ئائىلىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىقتىسادنىڭ سىلىق ئايلىنىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

  جايلار، تارماقلار بايرام مەزگىلىدىكى ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مال مەنبەسىنى ئىنچىكە تەشكىللەپ، ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بازارنى تۇرمۇش لازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، ئۆكسۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بازار باھاسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تەڭشەپ تىزگىنلەش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت زاپىسىنى ۋاقتىدا بازارغا سېلىپ، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، ھايانكەشلىك قىلىش، باھانى كونترول قىلىش، باھانى قەستەن ئۆستۈرۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى نۇقتىلىق ئاشۇرۇپ، ساختا، ناچار ۋە لاياقەتسىز مەھسۇلات ياساش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، ھايات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، پارنىكتا پەسىلسىز كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە دېھقان – چارۋىچىلارنى بېيىش ماھارىتى، تېخنىكىسىنى ئىگىلىتىش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش كېرەك. سانائەت ئىقتىسادىنى نازارەت قىلىش ۋە تەڭشەپ تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆمۈر، ئېلېكتىر، نېفىت، تىرانسپورت قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى تەقسىملەش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرانسپورت كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى زىيادە چارچاپ ھەيدەش قاتارلىق قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپ قىلمىشلارنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ناچار ھاۋارايى، ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىشى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاش كېرەك

  جايلار، تارماقلار چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدارە ئىچكى قىسمىدىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلاردا خەتەردىن ساقلىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىغا مەخسۇس قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدە ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ۋە زور كۆلەملىك ئوپچە ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بايرام، چاغان مەزگىلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان ‹‹بۇلاڭچىلىق قىلىش، تارتىۋېلىش، ئوغرىلىق قىلىش››، ساختا مەھسۇلات ياساش، سېتىش، قاقتى – سوقتى قىلىپ ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھەرىكەتلەرگە مەركەزلىك زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. زىددىيەت، تالاش – تارتىشلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، پەسەيتىشنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، زىددىيەتنى نېگىزدىن تۈزەپ، پەسەيتىپ، تىرىشىپ تىنچ، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك

  جايلار، تارماقلار بايرام مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز›› تېمىسىدىكى مەدەنىيەتنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، بايرام، چاغانلىق مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشى كېرەك. مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش›› سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، بايرامدا ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ساياھەت ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. تېجەشلىك بولۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ساغلام، مەدەنىي بولغان بايرام مەدەنىيىتى ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك

  جايلار، تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە داۋاملىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ماي، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئوت ئالىدىغان، پارتلايدىغان بۇيۇملارنى يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى مەخسۇس رەتكە تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈپ تۈزەشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، كۆمۈر كان، قاتناش تىرانسپورت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەش ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە كارخانىلاردىكى بىخەتەرلىك جەھەتتە ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈپ تۈزەشنى، پوجاڭزا ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ساقلاش، سېتىش ۋە ئېتىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى مەنبەدىن تۈگىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور تالاپەت ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.

  ئالتىنچى، ئىقتىسادچىل، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈش يېڭى ئىستىلىنى تىكلەش كېرەك

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى›› ۋە ئالاقىدار تۈزۈم – بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادچىل – تېجەشلىك بولۇش، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈشنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق يولغا قويۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، سوۋغات بېرىش، زىياپەتكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق پەتىلەش پائالىيەتلىرى، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى، ھۆكۈمەت پۇلىغا يېڭى يىللىق تەبرىك كارتىسى، پوجاڭزا، ھاراق – تاماكا، گۈل، يېمەكلىك قاتارلىق چاغانلىق سوۋغات بۇيۇملىرىنى سېتىۋىلىشنى، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق شەخسىي پائالىيەتلەرنى ھۆكۈمەت ئىشى قاتارىدا كۈتۈۋېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى خۇسۇسىي ئىشلارغا ئىشلىتىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. تۈرلۈك چاي، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، ئىخچاملاپ، مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنى ئىشلىتىپ تىجارەت خاراكتېرلىك ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى قاتتىق چەكلەپ، يىل ئاخىرىدىكى سېلىشتۇرۇپ باھالاشتا ئۆلچەمگە يەتكەنلەرنى تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، يىل ئاخىرىدا تۈرلۈك ناملار بىلەن ھە دەپ قالايمىقان پۇل خەجلەش ۋە ياردەم پۇل، تولۇقلىما پۇل، مۇكاپات پۇلى ۋە ماددىي بۇيۇم تارقىتىشنى قاتتىق چەكلەپ، چەكلىك بايلىق ۋە مالىيە كۈچىنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش كېرەك.

  يەتتىنچى، پاك، ئنتىزامچان بولۇش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك

  ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى››نىڭ روھىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››غا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئەھۋال ئىگىلەپ ھال سوراشقا بارغاندا كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇزىتىشتا ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىق، ئاممىنى ئاۋارە قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل ۋە تۈرلۈك ئاكسىيە، پۇل تۆلەش ئىسپاتى، ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش كارتىسى قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىش، قىمار ئويناش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىبرەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تېزدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىشى كېرەك.

  سەككىزىنچى، بايرام، چاغان مەزگىلىدىكى نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك

  جايلار، تارماقلار ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 24 سائەت مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە رەھبەرلەر ئىش ئورنىدا باشلامچىلىق بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بايرام، چاغان مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جىددىي ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تاسادىپىي ۋەقە ياكى مۇھىم جىددىي ئەھۋاللارغا يولۇققاندا دەرھال يوليورۇق سوراپ دوكلات قىلىش ھەم ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار بايرام، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى

  2013 – يىل 30 – دېكابىر

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر