باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا تەكلىپ - پىكىر ئالدى

2014.01.02 09:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 30 - دېكابىر يىغىن ئېچىپ، ساھەلەرنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» (پىكىر ئېلىش ئورگىنالى) ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە دائىر تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن دېھقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، مەھەللە كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە كارخانىچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى بەس - بەستە ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن تەرەققىياتنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، قوش تىل مائارىپى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى، زامانىۋى مەدەنىيەت، پۇقراۋى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتىنى سۆزلەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دائىر تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  نۇر بەكرى ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەكلىپ - پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىن. كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرى تولۇق تەييارلىق قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يۈكسەك، چوڭقۇر ۋە ماكرولۇق تەسەۋۋۇرغا باي، كونكرېت خىزمەتلەر ئانالىز قىلىنغان، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ كەسىپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. ئىنكاس قىلىنغان تەكلىپ - پىكىرلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلغان خەلق ساداسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز كۈچەپ پىلانلاۋاتقان ۋە ئويلىشىۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ، بەزىلىرى كېلەر يىللىق خىزمەتكە كىرگۈزۈلگەن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ ۋە يەكۈنلەپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ھەر ساھەنىڭ قان - تەرى سىڭگەن، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر