- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مۇشەررەپ: ماڭا قارىتىلغان شىكايەتلەر ئويدۇرۇلغان دېدى
2014.01.02 08:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاكىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇشەررەپ تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلارنىڭ يىغىلىشىدا ۋېدىئودا سۆز قىلىپ: ماڭا قارىتىلغان بارلىق شىكايەتلەر ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دېدى.
2007-يىلى نويابىر مۇشەررەپ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن جىددىي ھالەت يولغا قويۇپ، 60قا يېقىن سوتچىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىدى. بۇ ئۇنىڭ نۆۋەتتە ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ھەققىدە ئەيىبلەشكە ئۇچرىشىدىكى سەۋەب. 2013-يىلى نويابىردا پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇشەررەپكە ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن شىكايەت قىلىش تەرتىپىنى باشلاپ، ئۈچەيلەندىن تەركىب تاپقان ئالاھىدە سوت تەشكىللىدى، بۇ پاكىستان تارىخىدا ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ سابىق رەھبىرىنىڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن تۇنجى قېتىم شىكايەت قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر