باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالىك ئىستېپا بېرىلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىدىن قالدۇرۇش قارارىنى قايتۇرۇۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.01.02 08:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق باش مىنىستىرى مالىك تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: يېقىندا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى جاكارلىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارارىنى قايتۇرۇۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئىراق ئارمىيىسى غەربتىكى ئەنبار ئۆلكىسىدىكى بەزى شەھەرلەردىن چېكىنىدۇ دەپ جاكارلىدى.

  ئىراق خەلق پارلامېنتى سۈنئىي مەزھىپى تەشكىلاتى «بىرلەشكۈچىلەر ئىتتىپاقى»نىڭ باياناتچىسى دافار ئارئانى ئۈلۈشكۈن كەچتە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 44 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىستېپا بەردى ھەمدە ھۆكۈمەتتىن ئەنبار ئۆلكىسىدىكى بەزى شەھەرلەردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە 28-دېكابىر قولغا ئېلىنغان پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەد ئالىۋانىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئالىۋانى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پائالىيىتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر