باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان 14 يولدا يېقىندا قاتناش باشلىنىدۇ

يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇساپە 600كىلومېتىردىن ئاشتى

2013.12.06 08:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭىدىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان تۆت دۆلەت يولى، توققۇز ئۆلكە يولى ۋە بىر چېگرا پاسىل يولىدا يىل ئاخىرىغىچە قاتناش باشلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن دۆلەت، ئۆلكە يولى مۇساپىسى 600 كىلومېتىردىن ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ يول تورى قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلىنىدىكەن.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈرۈمچىنى مەركەز، غول لىنىيە تاشيولىنى ئاساس قىلغان، ئىككى چوڭ ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرغان، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان، شەرقتە ئىچكى ئۆلكىلەرگە، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتاشقان، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان تاشيول قاتنىشى ئاساسىي قۇرۇلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر