باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون يەنە 87 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە تەڭشىدى

24تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىنى بىرلەشتۈرۈۋەتتى

2013.08.06 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، 87 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە تەڭشىدى. ئۇنىڭدىن بىكار قىلىنغان مەمۇرىي تەستىق تۈرى 23، تەڭشەلگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى 48، بىكار قىلىنغان بىرەسمىي مەمۇرىي تەستىق تۈرى 16، بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى 24

  بىكار قىلىنغان 23 مەمۇرىي تەستىق تۈرى ئالتە نازارەت، ئىدارىگە چېتىشلىق بولۇپ، جۈملىدىن مالىيە نازارىتىنىڭ جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلارنىڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلىغىنى ئاۋۋال قايتۇرۇۋېلىشىنى تەستىقلاش؛ پىلە ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ئىجازەتنامىسى، ھوقۇق دائىرىسىدە دۆلەتنىڭ 2 – دەرىجىلىك ياۋايى ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىش، سېتىش، سېتىۋېلىشنى تەستىقلاش، ھوقۇق دائىرىسىدە ئۆسۈملۈك ۋە ئۆسۈملۈكتىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى كارانتىن قىلىپ يۆتكەش(دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ بۇغداي تۈرىدىكىلەرنى كارانتىن قىلىش پونكىتى) قاتارلىق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك تەستىقلاش تۈرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە؛ مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ رادىياكتىپلىق بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان كېرەكسىز بۇيۇملار، ماتېرىياللاردىكى بۇلغىنىشنى تۈگىتىپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەستىقلاش قاتارلىق تۆت تۈر؛ رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ رايون خاراكتېرلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى سودىسى قىلىش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تۆت تۈر؛ يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ شەھەر – بازارلارنىڭ يەر ئىشلىتىش بېجىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى تەستىقلاش(يىللىق باج تاپشۇرۇش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن كارخانا) قاتارلىق بەش تۈر؛ سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ئورۇنلىرىنىڭ سۈپەت كاپالىتى سالاھىيىتىنى بېكىتىش تۈرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

  تەڭشەلگەن 48 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ يولغا قويۇلىدىغان مەمۇرىي تەستىق تۈرى، تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ يولغا قويۇلىدىغان قاتلاملىق مەمۇرىي تەستىق تۈرى، بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇلىدىغان مەمۇرىي تەستىق تۈرىگە ئايرىلىدۇ. ھوقۇق دائىرىسىدە دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنى ئىمپورت قىلىش ياكى خەلقئارالىق كېلىشىمدە ئىمپورت قىلىش چەكلەنگەن ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنى ئىمپورت قىلىشنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۈچ تۈر ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ يولغا قويۇلىدۇ؛ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ يولغا قويۇلىدىغان قاتلاملىق 21 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرى ھوقۇق دائىرىسىدە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش قىلىش ياكى يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىش، سودا مۇلازىمەت تورى تەسىس قىلىش، كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇش، كىنو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئىشلەشنى تەستىقلاش، يايلاقلارنى ۋاقىتلىق ئىگىلەشنى تەستىقلاش، ئورمانلىقتىكى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش رايونىغا كىرىپ مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، پارتلىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەستىقلاش، كېرەكسىز داۋالاش ماتېرىياللىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش، باج ماركىسىنى ۋاكالىتەن سېتىش ئىجازىتى قاتارلىق تەستىقلاش تۈرلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، بۇ، مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى كومىتېتى، چارۋىچىلىق نازارىتى، ئورمانچىلىق نازارىتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى، يەرلىك باج ئىدارىسى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش – باشقۇرۇش ئىدارىسى، ھاۋارايى ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماققا چېتىلىدۇ.

  بىكار قىلىنغان 16 تۈرلۈك بىرەسمىي مەمۇرىي تەستىق تۈرى مالىيە نازارىتىنىڭ خەزىنىدىن قايتۇرۇش تۈرىنى تەستىقلاش، سودا نازارىتىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى چەت ئەل سودا كارخانىلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىغا ھۆكۈمەت كېپىل بولۇشنى تەكشۈرۈش، دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ كان ئېچىش باھاسىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى تەستىقلاش، ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ئورماندىكى ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئەنگە ئېلىش، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ئۆلچەش پونكىتى قۇرۇش ئىشلىرىنى تەستىقلاش تۈرى قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل