باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

تېمپېراتۇرىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى بالىلارنىڭ ئاسانلا زۇكامداپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

2016.12.16 14:25         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا تېمپېراتۇرىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان، ھەرقايسى دوختۇرخانىلارنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ۋە كېسەلخانىلاردىكى بىمارلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە %30تىن ئارتۇق كۆپەيگەن. مۇتەخەسسىسلەر ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن باشلاپ بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى، كېسەل بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

  13-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كېسەلخانىسىدا ئۈچ ياشلىق خو شىنرۈي ئاسما ئۇكۇل ئېسىۋاتقان بولۇپ، خو شىنرۈينىڭ ئاپىسى قىزىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى كەچتىن باشلاپ قىزىپ قالغانلىقىنى، دۈشەنبە كۈنى دوختۇرخانىغا كېلىپ كۆرسەتسە ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى كېسەلخانىسىدىكى بىمارلارنىڭ سانى ئەسلىدىكى 300 ئادەمدىن ھازىر 400 دىن ئارتۇق ئادەم يەتكەن بولۇپ، كۆپىنچە بىمار يۇقىرى قىزىتما، ئىچ سۈرۈش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بالىلار ئىكەن. بۇ دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىر لۇ شىنخۇي مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان تېمپېراتۇرىنىڭ تۇراقسىز بولۇشىنىڭ تەسىرىدە تارقىلىشچان زۇكام كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ. ۋىرۇسلۇق تارقىلىشچان زۇكامغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىلار ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، ئامال بار بالىلارنى ئادەملار كۆپ جايغا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك».

  بىڭتۈەن دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دىڭ شىياۋگو تونۇشتۇرۇپ: بۇ بۆلۈم ئامبۇلاتورىيەسى ھەر كۈنى يۈزدىن ئارتۇق بىمارنى داۋالايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە زۇكامداپ قالغان بىمارلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك.

  دىڭ شىياۋگو: «بالىلار زۇكامداپ قالغاندا ئاتا-ئانىلار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ كۆرسىتىشى ۋە ۋىرۇسلۇق زۇكام ياكى باكتېرىيەلىك زۇكام ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ شۇ بويىچە داۋالىشى كېرەك» دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر