باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

تەركىبىدە ئاقسىل ئەڭ كۆپ يېمەكلىكلەر

2016.07.05 13:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسىل بولسا كۆپ مالىكولىلىق، بىر خىل مۇرەككەپ ئورگانىك ماددىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ بارلىق ھاياتلىق (ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزىم)لار ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى بولۇش بىلەن بىللە، ھەزىم قىلىش ئورگانلىرىنىڭ پۈتكۈل ماددا ئالمىشىش پائالىيەتلىرى ئاقسىلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئاقسىلنى ياسىغىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئورگانىزىم كۈندىلىك ئوزۇقلۇقلار تەركىبىدىن قوبۇل قىلىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئاقسىل تەركىبى ئەڭ يۇقىرى، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ھەر 100 گىرام توخۇ تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدە ئارانلا 14.7 گىرام ئاقسىل بولىدۇ. بىراق، سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە 41.2 گىرام ئاقسىل بولۇپ، تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە بارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

  500 گىرام سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل ئايرىم-ئايرىم 1.25 كىلوگىرام ئورۇق كالا گۆشى، 1.5 كىلوگىرام توخۇ تۇخۇمى، 6 كىلوگىرام كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن باراۋەر كېلىدۇ. تەركىبىدە ئاقسىل مىقدارى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى توخۇ ۋە كالا گۆشى بولۇپ، ھەر 100 گىرام توخۇ ۋە كالا گۆشى تەركىبىدە 20 گىرام ئەتراپىدا ئاقسىل بولىدۇ. ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى بېلىق بىلەن قوي گۆشى بولۇپ، ھەر 100 گىرام بېلىق بىلەن قوي گۆشى تەركىبىدە 17 گىرام ئەتراپىدا ئاقسىل بولىدۇ. گۈرۈچ بىلەن ئۇننىڭ 100 گىرامىنىڭ تەركىبىدە 10 گىرام ئەتراپىدا ئاقسىل بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشى كۈنىگە 80-100 گىرام ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. (بىڭتۈەن 64-تۈەن-مەيدانىدىن بېكمۇرات تەييارلىغان)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر