- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قۇياش سۆيەر ئىزلىرىڭنى سامادا
2015.04.29 16:38 مەنبە: خەلق تورى
(چەكسىز ئېھتىرام بىلەن قەدىردان دادام قېيۇم نۇرغا بېغىشلايمەن)
قورال تۇتقان قولۇڭدىكى ھاسساڭنى،
خىزىر ياساپ بەرگەنمۇ ئاھ،جان دادا.
قۇياش سۆيۈپ كەلدى بۈيۈك نۇر بىلەن،
ئىزلىرىڭنى پەىىرلىنىپ سامادا...
يىللار ياساپ بەرگەن كۈمۈش تاج بىلەن،
يارىشىپتۇ مەيدەڭدىكى ئوردىنىڭ.
ھەسەت قىلار ئىدى ھايات بولسا گەر،
سۇلتانى سەلتەنەتلىك ئوردىنىڭ...
شېھىت بولغان سەبداشلىرىڭ جان دادا،
كىرەرمۇ ئاھ،تالاي-تالاي چۈشۈڭگە.
قانات بولغان تورۇق ئېتىڭ ھېلىھەم،
بەلكىم سېنىڭ ھازىرقىدەك ئېسىڭدە.
مەككە بىلىپ يىراقتىكى چىگرىنى،
ئۇچۇپ بارغۇڭ كېلەر مىڭ رەت گاھىدا.
(پەزىلەتلىك ئاپئاق چاچلىق بوۋاينى،
سېغىنىدۇ ئىشەن ئەل-يۇرت جان دادا.)
سۆزلەپ بېرەر كەڭ سايدىكى چوققىلار،
ھەۋەس بىلەن قارىغايلارغا قىسسەڭنى،
ئوتتۇز باھار قالدى يىراق چىگرىدا،
پورەكلىتىپ ئەلگە قوشقان ھەسسەڭنى...
پەرزەنتلىرىڭ پەخىرلىنەر سېنىڭدىن،
كەچمىشلىرىڭ كېلەچەكنىڭ ئەلچىسى،
ئەپسۇسلانما بوۋاي بولۇپ قالدىم دەپ،
سەن ھېلىھەم ئانا يۇرتنىڭ جەڭچىسى....
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر