- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چېچەك بولۇپ قال
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 16:30 مەنبە: خەلق تورى
سېغىنىش،ئۈمىد ھەم ئەسلەش ۋە كۈتۈش،
قۇرۇتتەك قەلبىمگە بەرمەيدۇ ئارام.
تەكەببۇر،بىۋاپا گۈزەل مەلىكەم،
ئەسلىدە ئىدىڭغۇ بىر تال قۇۋۇرغام....
كەچمىشلەر ئەتەمنىڭ مىسكىن ياپرىقى،
يول ئالدىڭ يىراققا، بولغىن سەن ئامان.
ئادەم ۋە ھاۋادىن قالغان ئۇدۇم بۇ،
دۇنيادا ھەممىدىن ئايرىلىش يامان.
بەختىڭنى تىلەيمەن سۈرتۈپ يېشىمنى،
تەكەببۇر،بىۋاپا گۈزەل مەلىكەم.
چېھرىڭدىن تەبەسسۈم يۈتمىسۇن ئەبەد،
كەلمىسۇن بېشىڭغا مەندىكى ئەلەم.
سەن ئاندا ياشايسەن،مەن بۇندا غېرىپ،
كەلگۈسى ئاتالسام مەيلى بويتاق چال.
ئۇچۇرشىپ قالمايلى دەرتمەن سىياقتا،
قەلبىمدە سەن مەڭگۈ چېچەك بولۇپ قال.....
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر