باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

رېتىمسىز چايقالغان بىر قەدەھ ئۈمىد

دىلشاد قىيۇم نۇر

2015.04.29 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


زارىقىپ كۈتۈشتىن تۆرەلگەن ئازاپ،
بىر گۈزەل مۇڭ بەردى تىنىقلىرىمغا.
كىملەرگە گول بوڭلۇپ قالدىم قاچاندىن؟
ئۆزۈممۇ ھەيرانمەن قىلىقلىرىمغا.

ئۆسكىلەڭ تاللارنىڭ شىۋىرلاشلىرى،
تەلمۈرگەن تىۋىشتىن بەرمەيدۇ شەپە.
قۇچاقلاپ قالدىممەن تەنھا ئۆزۈمنى،
گويا بىر ئۇدۇمغا چۈشكەن رەۋىستە.

ھېيىقماس ھېسلاردىن سولغان يۈرەكنىڭ،
سىرغىدى ئاداققى بىر تېمىم يېشى.
سۈيۈملۈك دوقمۇشتا قېتىپ قالغان ئىز،
قەلبىمنىڭ كىملەرگە قالدۇرغان خېتى؟

رېتىمسىز چايقالغان بىر قەدەھ ئۈمىد،
تەڭلەنگەن لېۋىمگە تەگمەيدۇ بىراق.
شۇ ئازاپ ئىلكىدە كۈتىمەن سېنى،
بىلمەيمەن ئارىمىز يېقىنمۇ-يىراق؟

ئەسلىمدىن ئايرىلغان بىچارە ئۆزۈم،
ئۈمىدسىز يىغلايدۇ بىر سېنى كۈتۈپ.
گۈللەرمۇ مەزگىلسىز سولماقتا بۇ دەم،
ئەلۋىدا!ھىدىڭسىز كەتتىم مەن ئۆلۈپ….

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر