باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سۆيگۈ ئۈچۈن سۆيگۈ بىلەن خوشلىشىش

2015.04.29 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سىڭىپ كەتتى جىسمىم ئارا ئاۋازىڭ،
كەيپ قىلدى سىرلىق لېۋىڭ ئەقلىمنى.
تىنىم تاپماي باغاشلىدى بىر ئازاپ،
نىمجان قىلىپ مېنىڭ ئوتلۇق قەلبىمنى.


تىنىقلىرىم ئازاپ بىلەن چېقىلدى،
سۆرىتىڭگە تېڭىرقاشتا تىكىلىپ.
سەن ئۆزۈڭنى ئىجات قىپسەن باشقىدىن،
كىملەر ئۈچۈن كىملەرگىدۇر ئىگىلىپ.

خىياللىرىم ئۇزاتقاندا ئۇيقىغا،
چۈشلىرىمدە ئايان بولدى ئايرىلىش.
يۈرۈكۈمنى قاماللىدىم ئېسەدەپ،
سەزمەكتىمەن بىر ھەسرەتلىك چايقىلىش.

سايەڭ بولۇپ تۆرەلگىنىم ئەپسانە،
نىسىپ بولماي قالدى ئۇلۇغ ئۆتۈنىش.
كەتكەن ئىكەن پىشانەمگە پۈكۈلۈپ،
نەتىجىسىز ھەم تىرىلىپ ھەم ئۆلۈش.

يىقىلساممۇ ئۈنسىز يىغلاپ ئەگەشتىم،
ئىزلىرىڭغا بىلىپ بىلمەي چىرمىلىپ.
تاپالمىدىم تەبىر ئىزدەپ ئۆزۈمگە،
سەن ئېزىتقۇ رەپتارىغا كىرىۋىلىپ.

يەرلىكىمگە كۆمىۋەتتىم ئۆزۈمنى،
ئەزرائىلدى تەنھا پۈتتى ئويلىشىش.
يېزىپ قويدۇم تەنھا قەبرەم تېشىغا،
«سۆيگۈ ئۈچۈن سۆيگۈ بىلەن خوشلىشىش!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر