- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئايمۇ ئويچان پارلىدى
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 16:12 مەنبە: خەلق تورى
كۆزلىرىمنى ئۆزگە دىلغا مۇپتىلا قىلغانمۇ كۆز
بۇ يۈرەكنى گاھى دەرتلەپ گاھىدا تىلغانمۇ كۆز.
ئاھلىرىمنىڭ كەچمىشىدىن مىڭ رىسالە پۈتكۈسى !
كىرپىگىگە ئەسلى ۋەسلىم نەرقىنى ئىلغانمۇ كۆز .
چۈشلۈرۈمنىڭ دەپتىرىدىن ئۆچتى تەبىر ئاھ نىتەي !
تىزلىرىمنى ئىزغا پۈكلەپ سەجدە قىلدۇرغانمۇ كۆز.
بۇ كۈيۈكنىڭ تەسۋىرىدىن ئايمۇ ئويچان پارلىدى ...
ياتلىشىپ مەن ئۆز - ئۆزەمدىن ھەتتا چاندۇرغانمۇ كۆز.
مەن قەدەھنىڭ پارچىسى بوپ ئاھ ، چېقىلدىم كەلگۈسى ...
يامغۇرۇڭدا قاغجىراپ دىل ياتنى قاندۇرغانمۇ كۆز!
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر