- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قالدىم قۇچاقلاپ دەردنى مەن
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 16:10 مەنبە: خەلق تورى
سۆيگۈ ئىزدەپ سۆيگۈسىز قالدىم قۇچاقلاپ دەردنى مەن ،
كۈتمىگەنتىم ھېچقاچان ياردىن يېقىمسىز خەتنى مەن .
كۈندۈز كۆزۈمنى باغلىساڭ ، تۈندە چۈشۈمدە ئاي ئىدىڭ ...
مەنمۇ ئەخمەق نە سەۋەب سۆيدۈم سېنىڭدەك « سەت » نى مەن .
ھەر تېۋىنسا قولۋىقىم قىرغاققا بەتلەپ مەيلىنى ،
سايدا قالدىم ئاقىۋەتتە ! ئارمانغا باشلاپ لەتنى مەن .
لەۋلىرىمنى گەز قىلىپ يۈردۈم گىلاسلىق باغ ئارا ...
ھارماي يۈدۈپ ئاھ ! لىق تاغار سوۋغاڭ گوياكى دەردنى مەن .
ھەر سېغىنسام مەن سېنى ، ئىزدەپ تەسەللى شېشىدىن ،
شائىر ئاتالدىم ئاقىۋەت كۈندە بوياپ ئاق بەتنى مەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر