- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سۆيگۈ ئىزدەپ
2015.04.27 10:59
ئەمدى مۇمكىن بولمىغاي ۋەسلىڭگە دىلبەر يەتكىلى ،
خۇددى مەجنۇنتال كەبى قەددىمنى يادەك ئەگكىلى .
دەستە تۇتقان خۇش پۇراق سۆيگۈمگە ئەلچى قىپ ساڭا ...
بوپتۇ ئەپسۇس بەك ئۇزاق بەرگى خازان بوپ كەتكىلى .
كەتتى كەلمەس ئەمدى ھېچ ئەسلىڭنى ئاقلاش پۇرسىتى ،
ئاقتى يۇلتۇز ئاسمىنىم يىل بولدى ئۇنتۇپ كەتكىلى .
سۆيگۈ ئىزدەپ ، تەمتىرەپ يۈرسەڭ نىشانسىز ئوۋچىدەك ...
زەررە ئىمكان يوق ئەبەد ، كۆڭلىڭنى خوشۋاخ ئەتكىلى .
تەڭلا دەسسەپ جۈپ قېيىق ( قىرغاقنى كۆرسەڭ بەك يىراق ... )
دىلبىرىم بولماسمىكىن ئەمدى نىشانغا يەتكىلى !
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر