باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يۇلتۇزغا باقسام شىر كەيپ

2015.04.27 10:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


تەكرارغا تەڭكەشتۇر يۈرەك سالغىن ئازابنى ، سال نىكار ،
ئىمكانغا تۆلەپ كۆپ بەدەل كۆرمەي يۈرەرمەن ھېچ دىدار .

كۈتكەن ۋىسالنىڭ تەپتىدە ئۆلسەم تىرىك مەن قەبرىدە !
تاقەتكە يۈكلەنگەن ئۈمىد ئەپسۇسكى بەكمۇ بىغۇبار .

تەڭلەندى تەلمۈرسەم ئەجەب لەۋلەرگە جاملار قۇپقۇرۇق ...
ئارمانغا ئالداندىم قاچان ، كىملەرگە بولدۇم ئىنتىزار ؟

تۈنلەرنى كۈتتۈم كۈندۈزى كۆرمەك خىيالىم چۈش ئەمەس !
يۇلتۇزغا باقسام شىركەيپ قەلبىمدە سانجاق ئاھۇ زار .

ئېيتقىن ھاياتمۇ سەن نىكار ۋە ياكى رەسسام سۈرىتى ؟
چۆللەرگە كەتمەيمەن چوقۇم گەر بولسا سەنسىز بۇ دىيار ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر