مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن ئىللىقلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

2020.07.23 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاتا-ئانىمىز ھەر دائىم يېنىمىزدا بولسا، خۇددى بىر چىراغدەك، بىزگە ئىللىقلىق ۋە يورۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.

  يېقىندا، بىر دادىنىڭ قىزى ئۈچۈن «چېنىقىش ئۆيى» سېلىپ بېرىشى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

  17 ياشلىق جېڭ گوخۇا كىچىك ۋاقتىدا تېنى ئاجىز ئىدى، دادىسى جېڭ لۇڭ قىزىنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك ئارىلىققا يۈگۈرۈشكە ئېلىپ باراتتى. نەچچە يىلدىن بۇيان، جېڭ لۇڭ ھەر كۈنى قىزىغا ھەمراھ بولۇپ بىللە مەشىق قىلىپ، ئەزەلدىن بوشاڭلىق قىلمىدى. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، جېڭ گوخۇا چېنىقىش سالونلىرىغا بارالمايتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دادىسى تۆت تېمىلا قېلىپ چېقىۋېتىشكە توغرا كەلگەن بىر ئۆينىڭ ئىچىگە قىزىغا بىر چېنىقىش ئۆيى سېلىپ بەردى، بارلىق ماتېرىياللارنى ئۇ باشقا جايدىكى چېقىش-كۆچۈرۈش ئورنىدىن تېپىۋالغان بولۇپ، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر كونا يېزىق ئۈستىلى جېڭ گوخۇانىڭ سەكرەش كۈچىنى مەشىق قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلدى، ئۇ يەردە شۇ ئۆينىڭ 50 جىڭدىن ئارتۇق لىم ياغىچىنى يۈدۈپ مۇسكۇل چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ، يەنە پولات سىم بىلەن ئېسىلغان كونا چاقمۇ بىلەك ۋە پۇت كۈچىنى چېنىقتۇرۇشقا ئىشلىتىلدى.

  جېڭ لۇڭ ئاتا-بالىنىڭ بۇ ھېكايىسى سىنغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كۆرۈنۈش كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ: سەھەر سائەت 4 تىن ئاشقاندا، تاڭ تېخى يورۇمىغان ۋاقىت ئىدى، جېڭ گوخۇا بىپايان يولدا يۈگۈرمەكتە، جېڭ لۇڭ بىر موتوسىكلىت مىنگەن بولۇپ، شۇ موتوسىكلىتنىڭ بېشى ۋە سېۋىتىدە ھەم جېڭ لۇڭنىڭ بېشىدا بىردىن چىراغ بار ئىدى. ئۈچ چىراغ يول بويى قىزىنىڭ يېنىدا بىللە بولۇپ، شۇ قاپقاراڭغۇ يولنى يورۇتۇپ تۇراتتى.

  گەپ قىلماستىن قىزىغا باشتىن-ئاخىر ھەمراھ بولۇش ۋە قىزى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش، مانا بۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئاتا قىلىشىدۇر، بۇ، بەئەينى قاراڭغۇ كېچىدىكى چىراغقا ئوخشايدۇ.

  ئاتا-ئانىنىڭ غەمخورلۇقى بالىسىغا چىراغقا ئوخشاش يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ. جېڭ لۇڭ قىزىنى قاتتىق مەشىق قىلدۇرىدۇ، لېكىن يول يۈزىدىكى كىچىك شېخىل تاشلارنىڭ قىزىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ھەر قېتىم يۈگۈرۈشكە باشلاشتىن بۇرۇن، ئۇ ئاۋۋال يول ئەھۋالىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈۋېتەتتى. بۇ خىل كۆيۈمچانلىق ئادەمنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارمۇ جېڭ لۇڭغا ئوخشاش بولىدۇ، يەنى ئۇلار گەپكە ئۇستا بولمىغانلىقتىن مۇھەببىتىنى ئاغزى ئارقىلىق ئىزھار قىلالمىغان بىلەن، پەرزەنتلىرىنىڭ ھەر بىر ئىشىغا ئۇلارمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەسىلەن، بالىسى يىراق سەپەرگە چىقماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ يۈك-تاقلىرىنى قايتا-قايتا تەكشۈرىدۇ؛ پەرزەنتلىرى ياقا يۇرتتا بولسا، ئاتا-ئانىلار بىر كۈننىمۇ ئۆتكۈزىۋەتمەي شۇ يەرنىڭ ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى، بالىنىڭ كىيىنىش-تويۇنۇش ۋە ھال-ئەھۋالىنى دائىم ياد ئېتىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئېھتىياجىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئۇلار شۇنداق ئاددىي-ساددا ۋە شۇنداق سەمىمىي بولىدۇ.

  ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان تەربىيىسى ماياتنىك چىراغقا ئوخشاش ئۇلارغا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تەنتەربىيە مەشىقى زېرىكىشلىك ۋە جاپالىق بولىدۇ، لېكىن جېڭ لۇڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭغا داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قەدرىنى بىلدۈردى. جېڭ گوخۇا ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، ئۇ دادىسىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: پەقەت باشقىلاردىن كۆپ بەدەل تۆلىگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ھاسىلاتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يولىدا، بالىلار ھەمىشە دۇنيا ئىشلىرىغا نادانلىق قىلىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە مەرىپەتچىسى بولىدۇ، بىلىم ئۆگىتىپلا قالماي، جاھاندارچىلىق قىلىش قائىدىسىنى ئۆگىتىدۇ، ھەمراھ بولۇش جەريانىدا گۆدەك قەلب يارىتىلىدۇ. ئائىلىدە ئوقۇمۇشلۇق بىر كىشى بولسا، بالىلار كىتاب ئوقۇشنى تېخىمۇ ئاسان ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ؛ ئاتا-ئانىلار سەمىمىي ۋە لەۋزىدە تۇرىدىغان بولسا، بالىلار ئاسانلىقچە يالغان سۆزلىمەيدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ گۈزەل سۆز-ھەرىكىتى پەرزەنتلىرىگە ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا كىشىلىك تۇرمۇش يولىغا باشلايدۇ.

  ئۆسۈپ يېتىلىش بىر مەيدان ئۇزۇن سەپەر، يول ئۈستىدە تىكەنلەر بار، ئەگرى-توقايلىقلار بار، بالىلارنىڭ ئۆزىنىلا باش كۆتۈرۈپ ئىزدىشىگە قويۇپ بەرسە، ئۇلار يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالىدۇ، ھەتتا يارىلىنىدۇ. ئاتا-ئانىمىز دائىم يېنىمىزدا تۇرسا، ئۇلار بىزگە ئىللىقلىق ۋە يورۇقلۇق يەتكۈزىدۇ، خۇددى بىر نۇرلۇق چىراغ كېچىدىكى ياغۇزلۇقنى تارقىتىۋەتكەندەك، ئالدىمىزدىكى يولنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، بىز شۇنىڭ بىلەن باشتىن-ئاخىر مۇستەھكەم ۋە ئەركىن قەدەم تاشلىيالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ