مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئامېرىكىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇر ۋە ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراش قاتارلىقلارنى چۆرۈپ تاشلاشقا دەۋەت قىلىدۇ

2020.07.21 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 20- چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئامېرىكىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇر ۋە ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراش قاتارلىقلارنى چۆرۈپ تاشلاشقا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت توغرا يولغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېرنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىگە ئالاقىدار سۆزى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىگە ئائىت مەزمۇن قاتارلىقلارنى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە، ئامېرىكا ھازىر چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى دەۋرىدە تۇرىۋاتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچىسىنىڭ جۇڭگو ئىكەنلىكىدىن، ئۇنىڭدىن قالسا رۇسىيە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ ئاۋارىچىلىقى تېخىمۇ زور، جۇڭگو ھازىر 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان خەلقئارا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ گەرچە جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى ئەنسىرەتمىسىمۇ، لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قەد كۆتۈرگەن جۇڭگو كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، دېيىلگەن.

  ۋاڭ ۋېنبىن ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى دېدى: ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ھەمىشە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى بىلەن، ھەمدە نۆل يىغىندىلىق تاقابىللىق نۇقتىسىدىن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگوغا قورشاپ زەربە بېرىشنى ئويلاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ نۆۋەتتىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇپ كەلدى. جۇڭگونىڭ بۇ خىل خىسلىتى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادا ئارقا-ئارقىدىن «توپتىن چېكىنىپ چىقىپ كېلىشىمنى بۇزۇشى»، يەنى خەلقئارا قانۇن ئۆزىگە ئۇيغۇن كەلسە ئۇنى ئىشلىتىش، ئۇيغۇن كەلمىسە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشتەك ناچار قىلىقى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ. زادى كىم ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلغۇچى، بۇنى خەلقئارا جەمئىيەت ئېنىق كۆرەلەيدۇ. ئەگەر جۇڭگو بىرەر نەرسىنى ئۆزگەرتىپ يېزىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېيىشتە چىڭ تۇرماقچى بولسا، شۇنى كۆرۈشى كېرەككى، جۇڭگو ھەرگىزمۇ دۆلەت قۇدرەت تاپقاندا چوقۇم زومىگەر بولىدىغان ئۇنداق كونىچە يولدا ماڭمايدۇ، بەلكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يېڭى يولدا ماڭىدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، ھەمدە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ كۈچتۇر. ئامېرىكا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدەك بۇ رېئاللىققا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەككى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە خالىغانچە تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ھەدەپ بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، خەلقئارادا ئىدېئولوگىيە قارىمۇقارشىلىقى پەيدا قىلىپ، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرىدىغان ناچار ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتى ئىزچىل ۋە ئېنىقتۇر. ئۇ بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز. بىز ئامېرىكىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇر ۋە ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراش قاتارلىقلارنى چۆرۈپ تاشلاشقا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، سەلبىي سۆز-ھەرىكلەرنى توختىتىپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت توغرا يولغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ